شارۇلخان 1962- يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۇنى تۇغۇلغان، ئۇ ھىندىستاننىڭ « تام خەنىكىسى » دىگەن نامىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر ھىندىستاننىڭ 1- نۇمۇرلۇق ئەر چولپانى بۇلۇپلا قالماي، بەلكى پۇتۇن يەر شارىغا داڭلىق چولپان بۇلۇپ قالدى. ھىندىستان باۋلەيۋۇ كىنولىرىنىڭ پۇتۇن يەر شارىدىكى تاماشىبىنلىرى 3 مىليارت 600 مىليۇن بۇلۇپ، خاۋلەيۋۇ كىنولىرىنىڭ تاماشىبىنلىرى بولسا 2 مىليارت 600 مىليۇن، مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا شارۇلخاننى يەر شارىدىكى بىرىنى ئورۇندىكى كىنو چولپىنى دىيىشكە مۇناسىپ. ئۇ 1995- يىلى باش رول ئالغان كىنولىرىنىڭ ئومۇمى كىرىمى 250 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئۇ ھازىر ھىندىستان كىنو ساﻫاسىدىكى قۇدىرەتلىك بىر شەخىس بۇلۇپ قالدى. ئۇ رول ئالغان ھەر قانداق بىر كىنو مۇۋاپىقىيەت قازانماي قالمايدۇ. ئۇ ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولغان ھەر قانداق مەھسۇلات سېتىلماي قالمايدۇ. ھەتتا ئۇ ھازىر ئۆز ئالدىغا بىر دىن قورالايدىغان تەسىرگە ئىگە . ئۇ 2004- يىلى ئامىرىكا دەۋىر ژورنىلى باھالاپ چىققان 20 نەپەر « ئاسىيا قەھىرىمانلىرى » نىڭ ئىچىگە كىرگۇزۇلگەن . 2004- يىلى ياۋۇرپادا ئىككى ئايغا يېقىن ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۇزگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن قاتناش توسۇلۇپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ كىنولاردا رول ئېلىپلا قالماي يەنە رېژىسورلۇق بىلەن شۇغۇللانماقتا. بىزگە ئۇنىڭ تۇنۇش بولغان كىنولىرىدىن : قانلىق شەمشەر، كىلىن يۆتكەش، بۇنداق ئىشلار بۇلۇپ تۇرىدۇ، پادىشاﻫ، رىقابەت .............. قاتارلىق كىنولار بار. ----------- ئىتىقادى : ئىسلام دىنى توي قىلغان ۋاقتى : 1991- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۇنى ئايالى : گورى چىبىر ( 1970 -يىلى10- ئاينىڭ 8- كۇنى تۇغۇلغان ) ئوغلى : ئاريان ( 1997- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۇنى تۇغۇلغان ). قىزى : سۇخانا ( 2000- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۇنى تۇغۇلغان ) . يېقىن دوستلىرى : كاجول دىۋگان، جۇلى چاۋلا ، كاران جاھار ( رىژىسور ) |