پاكلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن تاغدىن سەكرىگەن ئىككى قىزنىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتتى |


ئىككى ئۆسمۈر قىز پاكلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تاغدىن سەكرەپ،بىرى ئۆلگەن
5يىل قېچىپ يۈرگەن ۋاڭ جياڭسەي ئاخىرى گۇاڭدۇڭدا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. ئەينى يىلى ئۇ شېرىكلىرى بىلەن سادىر قىلغان بۇ دېلو، پۈتۈن مەملىكەتنى زىل- زىلگە سېلىۋەتكەن ئىدى. بۇ ۋەقە 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ، 5نەپەر ئەنشىلىك ياش باللار بىلەن ئويناپ كېلىش باھانىسى بىلەن ،چىرايلىق ئەنشىلىك 3 ئۆسمۈر قىزنى ئالداپ، شەھەردىن 60كىلومېتىر يىراقلىقتىكى لەنتيەن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىنىڭ تاققا يانداش تاش يولىغا ئاپىرىپ، قىلىقسىزلىق قىلماقچى بولغاندا، 2ئۆسمۈر قىز پاكلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، 400مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغىغا سەكرىگەن بولۇپ نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئۆلگەن، بىرى يارىلانغان. يەنە بىرى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن 6 جىنايەتچىنىڭ ئىچىدىكى 4 نەپىرى تورغا چۈشۈپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ جىنايى ئىشلار بويىچە كېسىلگەن. نەچچە كۈن ئىلگىرى يەنە بىر قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارى ۋاڭجۇمىڭمۇ تورغا چۈشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى ئەيىبلىگەن. ئەڭ ئاخىرقى بىر جىنايەتچىمۇ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئەنشى ساقچىلىرى تەرىپىدىن چۈەنجۇغا يالاپ ئېلىپ كېلىنگەن. 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋاڭ جياڭسەي، سۇروڭشەن، ۋۇيىنشېڭ، ۋاڭ جۇمىڭ، سۇخۇيچياڭ ياڭشۈنشىڭ قاتارلىق 6نەپەر ئەنشىلىك ياش باللار بىلەن ئوينىغىلى بېرىشنى باھانە قىلىپ، ۋاڭ مۇلى، سۇشياۋچىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) سۇ شىياۋخۇا(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) قاتارلىق 3 نەپەر ئەنشىلىك ئۆسمۈر قىزنى لەنتيەن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىنىڭ تاققا تۇتاش تاش يولىغا ئالداپ ئاپارغان ، ئاندىن ئىككىسى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، بىر قىزنى تۇتۇۋېلىپ ، ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولغاندا، قارشىلىق قىلىشقا ئۇچرىغان. ئارىلىقتا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىنىڭ ئىشچىلىرىنى توشۇيدىغان ماشىنا ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ۋاڭ مولى بىلەن سۇ شياۋخۇا قۇتقۇزۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ ۋارقىرىغان بولسىمۇ ، ئۇلار تارتىۋالغان. كېيىن ۋاڭ جياڭسەي سۇشياۋچىڭنى ئۇرغان ھەم باسقۇنچىلىق قىلغان. سۇ روڭشەن، سۇخۇيچياڭ قاتارلىقلار ۋاڭ مۇلى، سۇشياۋخۇانى قوغلىغاندا ، ئۇ ئىككىسى 400مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قىيادىن تۆۋەنگە سەكرىگەن .ۋاڭ مۇلى ئۆلگەن، سۇشياۋخۇا يېنىك زەخىملەنگەن. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن 6جاۋابكار نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. ئىككى يىلدىن كېيىن، ۋۇ يىنشېڭ، سۇروڭشەن، ياڭ شۈنشىڭ، سۇخۇيچياڭ قاتارلىقلار ئارقا ئارقىدىن تورغا چۈشكەن. تۈنۈگۈن ئەنشى ساقچى تەرەپ ، ۋاڭ جياڭسەينىڭ گۇاڭدۇڭدا ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئەنشى ساقچى تەرەپ گۇاڭدۇڭغا بېرىپ، ئۇنى چۈەنجۇغا يالاپ ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ئالاقىدار ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نەچچە كۈن ئىلگىرى يەنە بىر جىنايەتچىمۇ باشقا يەردىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئەنشى ساقچى ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم ، ھازىر تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى ئەيىبلەپ بولۇپتۇ. مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار دېلو يۈز بېرىپ بىر ئايدىن كېيىن، ۋۇيىنشېڭ بىلەن سۇروڭشەن چۈەنجۇ شەھىرى ،فېڭزى رايونى ۋە جياڭشى ئۆلكىسى يەنجيا شەھىرىدە ئارقا –ئارقىدىن قولغا چۈشكەن بولۇپ، 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يوڭچۈندە سوتلانغان. باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن سۇروڭشەنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، ۋۇيىنشېڭغا مۇددەتلىك 15يىللىق قاماق جازاسى بېرىش توغرىلىق بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككىلىسى بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي ،نارازىلىق ئەرز قىلغان. 2008-يىلى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچىگە ئىگە قىلغان. 2007-يىلى 8-ئايدا ياڭ شۈنشىڭ قولغا چۈشۈپ، 2008-يىلى 4-ئايدا چۈەنجۇ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىرىنچى سوتتا مۇددەتلىك 13يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2008-يىلى 6-ئايدا سۇخۇيچياڭ تورغا چۈشۈپ، مۇددەتلىك 9يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مەنبە: www.chinanews.com
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2011-12-6 14:01:25 كۆرۈلۈشى : 1981 قېتىم] |
|