Intel نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى پائۇل.ئوتېللىن يېقىندا مەبلەغ سالغۇچىلارغا، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كاتتىۋېشى ئاللىقاچان 7nm،5nm نى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، بۇ Intel نىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان 10nm دەۋرىدىكى يىراق مۇساپىلىك پىلانى ئىكەن. باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى يەنە:«بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز يىراق مۇساپىلىك» دەپ بىلدۈرگەن. سىخېمىغا ئاساسلانغاندا، 22nm دىن كېيىن، Intel يەنە 2013- يىللىرى 14nm دەۋرىگە قەدەم قويىدىكەن. ماس كېلىدىغان مەھسۇلات ۋاكالەت نومۇرى Broadwell بولۇپ، كېيىنكى بېكەت بولسا 10nm. نۆۋەتتە يەنىلا دەسلەپكى مەزگىللىك تەتقىقات باسقۇچىدا بولۇپ، 2015- يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.7nm،5nm ھازىر نەزەرىيە تەتقىقات باسقۇچىدا بولۇپ، كونكرېت قانداق قىلىش توغرىسىدا تېخى ئېنىق لايىھە بېكىتىلمىگەن، يەنە كېلىپ كرىمنىيلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېتىدىغان سەرپىياتمۇ كۆپ يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئېنىق. Intel دەك بۇنداق بىر كاتتىۋاشمۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۈشكۈل دەپ قارىغان، ئەمما Paul Otellini كۆپچىلىككە كاپالەت بېرىپ:« بۇ ئىككى خىل يېڭى تۈر، ھازىر ۋاقىت تەرتىپى بويىچە نىشانغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە، ئەگەر Intel كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە Tick-Tock تەرەققىيات سىتراتېگىيسىنى داۋاملاشتۇرالىسا، ئۇنداقتا 7nm،5nm ئايرىم ئايرىم 2017، 2019- يىللىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بىر قىسىم سەۋەبلەر بىلەن كەينىگە سۈرۈلسىمۇ 2020- يىللىرى ئەمەلگە ئاشىدىغىنىدا مەسىلە يوق» دەپ بىلدۈرگەن.
يېڭى تېمىلار
شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号