بىز ئەتراپىمىزدىكى قىزلارنىڭ دائىم بۇ دۇنيادىكى ياخشى يىگىتلەر نەگە كەتتى؟زىدى نەگە كەتتى؟دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز،ئۇنداقتا ياخشى قىزلارچۇ؟راستىنلا ياخشى ئەمەسمۇ ياكى مۇھەببەت بىزنى مۇشۇنداق شەخسىيەتچىلىكتە ئۇچىغا چىقىرىۋەتتىمۇ؟
بىر قىز بىر ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرگەندە:
ئايرىلغان چاغدا جىمجىت ئولتۇرۇپ ئەسلەيدۇ،ئۇنى نېمىش قىلىۋاتقاندۇ ؟ماڭا ئوخشاش مېنىمۇ ئويلاۋاتقانمىدۇ؟دەپ ئويلايدۇ.
ئۇنىڭ سۆزلەپ بەرگەن بارلىق ھېكايىلىرىنى ئېسىدە تۇتىدۇ،ئۇنىڭ ئويلاشماستىنلا قىلغان ھەربىر تەپسىلاتىغىمۇ دىققەت قىلىدۇ.
كىچىك بايراملارنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان چاغدىكى بارلىق ئىشلارنى ئېسىدە چىڭ تۇتىدۇ.
ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىدە ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ،ئەگەر ئۇنتۇپ قالسا كەچۈرىدۇ،لېكىن كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.
بايراملاردا ئۆزىگە سوۋغات سوۋغا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ،لېكىن سوۋغاتنىڭ باھاسى بىلەن كارى بولمايدۇ،پەقەت ئۇنىڭ شۇنچىلىك كۆڭلىنى ئىلىك ئېلىشنىلا خالايدۇ.
ئايرىلىدىغان چاغنى ۋاقىتنىڭ سۇدەك ئۆتۈشىنى ئۆچ كۆرىدۇ،قولىنى قويىۋەتكۈسى كەلمەيدۇ،ئايرىلىپ بىر سىكۇنت ئۆتمەيلا كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىشنى ئويلايدۇ،ئۇ ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆيگە بارغانمىدۇ،نېمىش قىلىۋاتقاندۇ دەپ تەسەۋۋر قىلىدۇ،ئاندىن چىدىمىغان ھالدا خەيرلىك كەچ دەپ ئۇنى ئويلاپ ئۇخلاپ قالىدۇ.
كۆرۈشەلمىگەن كۈنلەردە ھەربىر مىنۇتتا ئەسلەپ تۇرىدۇ،ئۇچۇر يوللاي تېلېفۇن قىلاي دەيدىيۇ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى بېسىۋالىدۇ.
دەم ئېلىش كۈنىنىڭ تېزراق كېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ،جۈمە كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشۈپلا:«دەم ئېلىش كۈنلىرى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلار بار؟»دەپ خۇشال سورايدۇ.
يىگىت دوستلىرى بىلەن يىغىلىشلارغا بارىدىغان ئىش بولۇپ قالسا ئۇنى خۇشال ئويناپ كېلىڭ دەپ ئۇزىتىپ قويىدۇ.
ئۇچرىشىشقا دېيىشىپ قويغان يەرگە بالدۇر بېرىپ ساقلاپ تۇرىدۇ،ئەگەر يىگىت كېچىكىپ قالسا خاپا بولىدۇ،لېكىن كۆڭلىدە ئىشى چىقىپ قالدىمۇ يا دەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بانا ئىزدەيدۇ.
ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن كىچىككىنە خاتالىقى ئۈچۈنمۇ خاپا بولىدۇ،لېكىن ئۆزىنى ئۇنىڭ ئورنىدا قويۇپ بىردەمدىلا كەچۈرىۋىتىدۇ.
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنىدۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى بۇ دۇنياغا ئاپرىدە قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.
دوستلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزىنى كۆتۈرىدۇ،ئابرويىنى قىلىدۇ،ئۇنىڭ خاتا بولغان بولسىمۇ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئاندىن كۆڭلىدىكىنى دەيدۇ.
ئۇنىڭ سىرتتا كۈرەش قىلىشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ،ئۇنىڭغا دائىم كۆڭۈل بكلۈپ تۇرىدۇ،ئۇنى كۆپ پۇل تاپمىدىڭ دەپ جېدەل قىلىپ ئۇرۇشمايدۇ.
كاماندوروپكىغا چىقىپ كەتسە كۈندە كۈن ساناپ ئولتۇرىدۇ،ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدۇ.
سائەتنىڭ قانچە بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر،ئۇخلاپ قېلىشىدىن قەتئىينەزەر يانفونىنى چىڭ قۇچاقلاپ ياتىدۇ،ئۇنىڭ ساقلىغىنى سۆيگەن ئادىمىنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى «ياخشى چۈش كۆرۈڭ»دېگەن ئاددىي بىر ئېغىز ئۇچۇرى.
يىگىتنىڭ قانچىلىك مال-مۈلىكى بارلىقى،قانچىلىك تويلۇق بېرەلەيدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ،ئۇ پەقەت ئۇنىڭ بارلىق سۆيگۈسىگە،مۇھەببىتىگە ئېرىشىشنىلا ئويلايدۇ.
ئۇنىڭ كېلىشنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ،ئۇنىڭ قانچىدە قايتىپ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ھېرىپ كەتسىمۇ ساقلاپ ئولتۇرىدۇ.
باشقىلارنىڭ يىگىتى ھەم ئېرى بىلەن سېلىشتۇرمايدۇ،ئۇنىڭ كەمچىلىكىنى ئاپىرىپ باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرمايدۇ،ئۇ پەقەت سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنىلا ئېسىدە تۇتىدۇ.
قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر سىزدىن ئايرىلمايدۇ.
مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندا دىزدىنمۇ بەك خۇشال بولىدۇ،سىز تۈگىشىپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدىمۇ سىزنىڭ تۈگەشكەن ھالىتىڭىزنى قوبۇل قىلالايدۇ،چۈنكى ئۇ پەقەت سىزگىلا موھتاج.
ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنى،ئۇرۇشقانلارنى باشقىلارغا ئېيتىپ ئولتۇرمايدۇ.
تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ھېرىپ كەتسىمۇ زارلىمايدۇ،قاقشىمايدۇ.
بۇ ئۆمرىدە سىزنى تاللىغىنىغا،سىزگە ياتلىق بولغىنىغا پۇشايمەن قىلمايدۇ. |