ئاياللار ئاسانلىقچە دېسە بولمايدىغان 4 جۈملە سۆز - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئاياللار ئاسانلىقچە دېسە بولمايدىغان 4 جۈملە سۆز
1.    باشقىلارغا قاراپ بېقىڭە!

ئاياللار ھەمىشە مۇشۇ گەپ بىلەن ئەرلەرنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئىقتىدارسىزلىقدىن ئاغرىنىدۇ.بۇ ئىقتىدارسىزلىق بەلكىم تۇرمۇش ئىشلىرىدا، بەزىدە كەسپتە بولىشى مۈمكىن بىراق بۇ سۆز ئەرلەرنىڭ غورۇرىغا قاتتىق تېگىدۇ.
كەسپ ئەرلەر ئۈچۈن تۇرمىشىنىڭ مۇھىم بىر قسىمى ھېساپلىنىدۇ، ئىزچىل تۈردە بۇ جەھەتتىن مەسخىرە قىلىش ، زىتىغا تىگىش، ئۇلارنى ئۈمۈتسىزلىنىشنىڭ ئەجەللىك نۇقتىسىغا ئاپىرىپ قويىدۇ
.ھەربىر ئەرنىڭ كەسپى ئوخشىمايدۇ ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىدىمۇ پەرق بولىدۇ.شۇڭا جەمئىيەتتىن قايتىدىغان جاۋاپتىكى پەرقمۇ ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ. ئايال كىشى بولۇش سۈپتىڭىز بىلەن ئۇنى تاللىغان ئىكەنسىز ئۇنداقتا رىئاللىقا يۈزلىنىڭ. ئەرلەر پەقەت چامىنىڭ يېتىشىچە تىرىشقان بولسىلا  ئۇلاردىن ئاغرىنىشقا ھەققمىز يوق.
سىياسى بىلەن ھەپىلىشدىغان ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا جۇڭگۇنىڭ ئەمەلدارلىق سورۇنى خۇددى پىرامىداغا ئوخشايدۇ.نۇرغۇن ئەرلەر پىرامىدانىڭ  ئوتتۇرىسىدا ھەتتا ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىدە بولىدۇ،ئۈستىدىكىلەر ناھايىتىمۇ ئاز ساندا.
سودا ساھاسىدىكى ئەرلەر ئۈچۈن سودا گويا بىر جەڭگاھقا ئوخشايدۇ. غەلىبە بولغانىكەن چوقۇم مەغلۇبىيەتمۇ بولىدۇ. ئېرىشىش بولغان ئىكەن يوقۇتۇش بولىدۇ.  كىممۇ مال مۈلۈكنى ياخشى كۆرمىسۇن؟ بىراق ئۇنىڭ كېلىش يولى دۇرۇس بولۇشى كېرەك؟شۇڭا ھەددىدىن زىيادە يۇقۇرى تەلەپ قويۇپ ئۆز-ئۆزارا كۆڭۈلسىزلىق پەيدا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوقتۇر.
كەسپتە مەغلۇپ بولغان ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغىنى سىزنىڭ تەسەللى بېرىشىڭىز ھەم  رىغبەتلەندۈرىشڭىزدۇر.

2.نەگە باردىڭىز؟

ئەگەر بۇ سۆزنى ئايال كىشى مۇلايىملىق بىلەن سورىسا  ئەرلەر تەسىرلىنىشى مۈمكىن. چۈنكى بۇ سۆزگە << ئەنسىرەپ تۇرالماي قالدىم>> دىگەن مەنا يوشۇرۇنغان بولغانلىقتىن ئەرلەرگە بولغان كۆيۈنۈشنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەگەر بۇ سۇئالنى قوشۇمىڭزنى تۈرۈپ سورىڭىز، ئەرلەر بىزارلىق ھىس قىلىشىدۇ.چۈنكى بۇ سۆزنى ساقچى جىنايەتچىنى سوراق قىلغاندا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدۇ.مەسلەن: << سائەت قانچىدىن قانچىگىچە قەيەردە ، نىمە ئىش قىلىۋاتقان؟>> دىگەندەك سۇئاللار بىلەن دىلو سادىر قىلىش ۋاقتىنى بېكىتىدۇ.
بەزى ئاياللار گويا ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ كۆزىدىن يۈتسىلا يامان ئىش قىلىدىغاندەك ،سۇئال سورىغاندا ھەمىشە مۇشۇنداق پوزىتسىيىدە بولىدۇ.
ئەرلەرنىڭمۇ  ئۆزىگە چۈشلۈك ئىشلىرى، ئالاقىلىشىش دائىرىسى بولىدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ۋاقتى ۋە تۇرمۇش بوشلىقى بولۇش كېرەك.ئۇنى سۆيگەن ئىكەنسىز ئۇنىڭغا ئىشىنىڭ، ئۇنىڭغا ئەركىن نەپەسلىنىدىغان شەخسىي بوشلۇق بېرىڭ . ئاندا-ساندا بىر-ئىككى قېتىم سوراق قىلسىڭىز بولىدۇ، بىراق  جاسۇسلاردەك گۇمانلىق سوراق جىق بولۇپ كەتسە ئاراڭلاردا كېلىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇن نۇقتىسدىن ئالغاندىمۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا دوكىلات بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق.
بەزى ئاياللار مېنىڭ ئېرىم بۇنداق سۇئاللارغا خاپا بولماي يۇۋاشلىق بىلەن جاۋاپ بېرىدۇ دەپ ئويلىشى مۈمكىن .بۇ ياخشى ئىش بولىشى ناتايىن ، ئەرلەرنىڭ چكەتىن ئاشقان دەرىجىدە  يول قويىشى:-مۇناسىۋەتنىڭ قىر ئۇچىغا بېرىپ قالغانلىقدىن، ياكى سىز بىلەن تاكاللىشىشقا ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىغانلىقدىن، ياكى بولمىسا سىزگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىندۇر،شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ئاياللار ئالدىراپ  پەخىرلىنىپ كەتمەسلىك كېرەك .

3.ھەممىنى قىلغان سىز !

نۇرغۇن ئاياللار خاتالىقنى بوينىغا ئېلىشنى خالىمايدۇ، خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىش ئەرلەرنىڭ پاتنىت ھوقۇقىغا ئايلىنىپ قالغان.بەزى ئاياللار ئۆزىدىن خاتا كەتكەن بولسا ئەركىلەيدۇ.ئەركىلەش بىلەن ئەرلەرنىڭ ھىسداشلىقى ۋە ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشىش ئەمىلىيەتتە خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەنلىك ئەمەس، پەقەت كېيىنكى قېتىملىق خاتالىق سادىر قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر.
نۇرغۇن ئاياللار << ھەممىنى قىلغان سىز!>> دىگەن بىر جۈملە سۆز بىلەن گۇنانى  ئارتىپ قويىدۇ،ئاياللار نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆز كۆز قارشىدا چىڭ تۇرماي قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئەرلەردىن :<< ئۇنداقمۇ ؟ مۇنداقمۇ؟>> دەپ سورايدۇ، ئەرلەر بېىشنى لىڭشىتقان ھامان دادىللىق بىلەن ئىشقا تۇتۇش قىلىدۇ-دە ، ئەگەر ئىشلىرى ئوڭدىن كەلسە خوشاللىقتىن ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالىدۇ، ئەگەر ئىشلىرىدا مەغلۇپ بولسا مەسئۇلىيەتنى ئەرلەرگە ئارتىپ ، مۇشۇ چارىنى سەن تاپقاندىكىن ئۆزۈڭ مەسئۇل بول دەپ تۇرىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاياللار ئاندا-ساندا << خاتا قىپتىمەن>> دەپ خاتالىقىنى بوينىغا ئالسا ئەرلەرنىڭ ئالدىدىكى سېھرى كۈچى ئاشىدۇ.
4. كىمدىن كەلگەن تېلفۇن؟

ئەرلەرنىڭ تېلفونى سايراپ بولغىچە ئاياللار تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىدىم كەپتۇ دەپ سوراشقا ئادەتلەنگەن. بۇندا چاغدا ئەرلەرنىڭ ئىنكاسى سەللا ئاستا بولسا تېخىمۇ چڭ گۇمانداارغا ئايلىنىپ ئەسلىدە نورمال كەلگەن تېلفۇنمۇ تۇتامغا چىقمايدىغان گۇناھقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
بەزى ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ يانفونىنى ئاقتۇرۇپ كۆرىدىغان خۇيى بار،ناتۇنۇش نومۇرلارنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىشنى جىقراق كۆرگەندىن كېيىنلا كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ، سەۋرىچانراق ئەرلار ئېرىنمەي چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.لېكىن قايتا-قايتا گۇمان قىلىۋەرسىڭىز زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ قويسىز.
ئايال بولۇش سۈپۈتىڭىز بىلەن  ئەرلەرگە ئازراق مەخپىيەتلىك بوشلىقى قالدۇرۇڭ.  ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ئازراق سىرلىق تۇيغۇ بولغىنىمۇ ياخشى ئىش، بىر دوستۇم بولىدىغان دائىم ئېرىنىڭ يانفونىنى ئاقتۇرۇپ ناتۇنۇش نومۇرنى كۆرگەن ھامان نام –شەرىپىنى نىمە ئىش قىلىدىغىنىنى، قانداق تونۇشقانلىقىنى، قانداق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى كوچىلاپ سورايدىكەن. بىر كۈنى قارىسدا ئېرىنىڭ يانفونىدا بىرمۇ ئايال كىشىنىڭ نومۇرى قالماپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ئۇ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قاپتۇ.ئېرى كېيىن  ئۇنىڭغا  راستىنى دەپتۇ؛- ئەسلىدە ئېرى بارلىق ئاياللارنىڭ ئىسمىنى ئەرەنچە قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىكەن.شۇ چاغدىلا  ئۇ ئېرىنىڭ ئۆزىگە مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئۈن-تۈنسىز قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ قاملاشماس مىجەزىنى ئۆزگەرتىپتۇ
         كۆرۈلۈشى:9425     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-1-2 12:06:47يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
سىزنى ھەقىقىي سۆيىدى..
ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ..
كۈزدە تېرە ئاسراشقا ..
كومپيۇتېر رادىياتسىي..
چىش كېسەللىكلىرىمۇ ھ..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682