ئەنگىلىيلىك ئايال چاچ بويىقىنى ئىشلىتىپ ھۇشىدىن كېتىپ، ھازىرغىچە ھۇشىغا كەلمىدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئەنگىلىيلىك ئايال چاچ بويىقىنى ئىشلىتىپ ھۇشىدىن كېتىپ، ھازىرغىچە ھۇشىغا كەلمىدى
  • مەنبە: www.chinanews.com
  • 2011-11-22 03:39
  • جۇڭشىن تورى 11-ئاينىڭ22-كۈنىدىكى تېلىگراممىسى
         شىياڭگاڭ"ۋېنخۈي گېزىتى"22-چىسلادىكى ئۇچۇرى:ئەنگىلىيەلىك بىر ئايال ئۆتكەن ئاينىڭ30-كۈنى 'ئوۋلەييا چاچ بويىقى"نى ئىشلىتىپ، 20مىنۇتتىن كېيىن بەدىنىدە غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، نەپىسى قىينالغان، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش يولىدا يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ قالغان، 3ھەپتىگىچە ھۇشىغا كەلمىگەن، تا ھازىرغىچە ئۆلۈم بىلەن تىركىشىۋىتىپتۇ. دوختۇر ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى8%دېگەن، گەرچە جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغان تەقدىردىمۇ مېڭە قىسمىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان، سىرتقى ئامىلنى مۆلچەرلەپ، چاچ بويىقى تەركىبىدىكى دى ئامىنو بېنزولنىڭ ئەكىس تەسىر قوزغىغان قاتىل ئىكەنلىكىنى بېكىتتى.
          38ياشلىق مەيكەيبۇ چاچ بويىقىدا بەلگىلەنگەن بويىچە 20مىنۇتتىن كېيىن يۇيىۋىتىدۇ، ھەم ئۆزىنىڭ نەپىسى قىسىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئېرى ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلەندۈرگەن بولسىمۇ ياخشىلىنىش بولمايدۇ، ئېرى ئۇنى شۇھامان دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ، بېرىش يولىدا ئايالى توختىماي قۇسىدۇ، ھەم قۇسۇقنى سۈمۈرۈپ سالىدۇ، دوختۇر ئۇنىڭ نەپەس يولىنى ئوڭۇشلۇق تازىلايدۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھۇشىغا كەلمىگەن بولۇپ، ئۈسكۈن ئارقىلىق  ھاياتىنى ساقلاۋىتىپتۇ.
           خەۋەردە دېيىشچە، بۇ ئايال ئۇزۇندىن بۇيان ئوۋلەييا ماركىلىق چاچ بوياقنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تېرىسىگە سىناق قىلىپ باققان، بۇرۇن ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىگەن. مۇتەخخەسىس:"بەلكىم ئۇنىڭ بىر خىل مەھسۇلاتنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەنلىكتىن تەركىبىدىكى مەلۇم خىمىيلىك ماددىنىڭ ئويغىنىشىنى پەيدا قىلغان بولىشى مۇمكىن"دەم ئايال ئىشلەتكەن چاچ بوياق بىلەن ئىشلەتكەن پەلەينى ئېلىپ تەكشۈرىدىغان بولدى.
        ئايالنىڭ دادىسى چاچ بوياق تەركىبىدىكىPPDنىڭ قىزىمنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى، مەن پۈتۈن ئەنگىلىيە دۆلىتىنىڭ ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان چاچ بوياققا PPDنى قوشۇشنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلىمەن دېدى.ئايالنىڭ ئۆيدىكىلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئىزدەپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئۈندەشنى پىلانلاۋىتىپتۇ، ئوۋلەييا ماركىسى شىركىتىمۇ بۇ ئىشقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىۋىتىپتۇ، ھەم تەكشۈرۈشكە ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
             كۆرۈلۈشى:1229     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-11-22 17:17:17يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
     
     

    يېڭى تېمىلار

     

    توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
    10 مىڭ تىللاغا ساتما..
    تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
    فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
    ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
    Intel نىڭ Windows 8 ..
    تەۋسىيە تېمىلار

     

    فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
    سىزنى ھەقىقىي سۆيىدى..
    ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ..
    كۈزدە تېرە ئاسراشقا ..
    كومپيۇتېر رادىياتسىي..
    چىش كېسەللىكلىرىمۇ ھ..

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682