نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
[ئەنگلىيە «تايمېس گېزىتى»تور بېكىتى ماقالىسى]  بەزى كىشىلەر بەكلا توڭغاق كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇنىڭغا قانداق تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەك؟
      تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ ئىسسىق-سوغۇقنى سېزىشىدە سەل پەرق بولىدىكەن.  ھەممە ئادەمنىڭ سوغۇقنى سېزىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدىكەن. بۇ، شۇ ئادەمنىڭ جىنسى، سالامەتلىك ئەھۋالى، يېشى، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، ئۇخلاش ۋاقتى، ھەتتا قانداق ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەنلىكى بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
   پورتسموز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىئولوگىيە پروفېسسورى مىكې تىپتون: ئىنسانلار ئىسسىق بەلباغدا ياشايدىغان جانلىقلارغا تەۋە بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى ئېكۋاتور رايونىدا تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ، يەر شارنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كۆچۈپ بارغان . كېيىن، ئۇلار ئىسسىنىش ئۈچۈن، كىيىم كىيىش، ئۆي سېلىش، ئوت يېقىشنى ئۆگەنگەن، دېدى.
      ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىزدە ھاسىل بولغان ئېنېرگىيىنىڭ ٪25 ى ئىشلىتىلىدۇ، قالغان %75 ى ئىسسىقلىق قاتارىدا چىقىرىۋېتىلىدۇ. بىز ھەر كۈندە ئىسسىق ۋە سوغۇقنى سېزىپ تۇرساقمۇ،مۇھىم ئەزالىرىمىزنىڭ تېمپېراتۇرىسى 37 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ تېمپېراتورىنى ساقلاش ھايات-ماماتىمىزئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.مۇھىم ئەزالىرىمىزنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىككى سېلسىيە گرادۇس تۆۋەنلەپ كەتسە، بەدەن تېمپېراتۇرىمىز تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. 12 سېلسىيە گرادۇس تۆۋەنلەپ كەتسە، ھاياتىمىز خەۋپكە ئۇچرايدۇ.
    پۇت-قوللىرىمىز  ئىسسىق-سوغۇقنى سېزىپ تۇرىدۇ؛ پۇت-قوللىرىمىزنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەدىنىمىزدىكى باشقا ئەزالارنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن ئىنتايىن زور پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. پۇت-قوللىرىمىز مۇزلىسا، سوغۇق بولغانلىقىنى سېزىمىز. بەدىنىمىزدىكى تېمپېراتورا تېرە ئاستىدىن يەتكۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭدا سوغۇقنى يەتكۈزۈش ئىسسىقنى يەتكۈزۈشتىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
   ئاياللارنىڭ سوغۇققا بولغان سېزىمى ئەرلەرنىڭكىدىن ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئەرلەردىن تېخىمۇ ماھىر بولغانلىقىدىن بولغان. تەتقىقاتچى مارك نيۇتون: ئاياللارنىڭ ماي قاتلىمىنىڭ جايلىشىشى تېخىمۇ تەكشى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ماي قاتلىمى بارلىق قاننى مۇھىم ئەزالارغا يېغىپ بېرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرىغا بارىدىغان قان ئاز بولىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار سوغۇق بولغانلىقىنى سېزىدۇ. ئاياللارنىڭ يېغى ۋە مۇسكۇللىرى ئەرلەرنىڭكىدەك كۆپ بولمايدۇ.شۇڭا، ئۇلار مۇھىم ئەزالىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغداشقا ئېھتىياجلىق، دېدى.
   تەتقىقات نەتىجىلىرىدە بايقىلىشىچە، ئاياللارنىڭ ھەيز دەۋرىدىكى سوغۇققا بولغان سېزىمىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن.  
         كۆرۈلۈشى:3053     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-11-2 19:51:16يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
سىزنى ھەقىقىي سۆيىدى..
ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ..
كۈزدە تېرە ئاسراشقا ..
كومپيۇتېر رادىياتسىي..
چىش كېسەللىكلىرىمۇ ھ..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682