كومپيۇتېر ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
كومپيۇتېر ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
  • مەنبە: www.pc1818.net
  • 2011-08-14 07:13
  • 1. كومپيۇتېرنى يۇقىرى ئىمپېراتورلۇق، نەم، چاڭ- توزان يەردىن يىراق قۇيۇڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر رايونى، ماگنىت كۈچى كۈچلۈك بولغان يەرگە قويماڭ. ئەڭ ياخشىسى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى ئانچە چوڭ بولمىغان، پاكىز مۇھىتتا قويۇڭ. قۇياش نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشىشىدىن ساقلىنىڭ، توك مەنبەسىنى چاتقاندا ستاتىك ئېلېكترغا قارشى توك ئۇلىغۇچ ئىشلىتىڭ.
    2. كۆپ ۋاسىتىلىك كومپيۇتېر بىلەن ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئۈنئالغۇ قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى چاتقان ۋاقىتتا، ماگنىتنىڭ قارشىلىقىغا دىققەت قىلىڭ. بولمىسا، كومپيۇتېر كۆيۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۈز بېرىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبەسى بىلەن ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ توك مەنبەسىنى ئايرىۋېتىڭ، ئورتاق بىر روزېتكا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ.
    3.كومپيۇتېرنى كۈچلۈك قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشىدىغان جايدا قويماڭ، چۈنكى كومپيۇتېرنىڭ كۈچلۈك قۇياش نۇرىغا ئۇچراش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، كومپيۇتېرنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ، ئېكرانمۇ ئاسان كاردىن چىقىدۇ. شۇڭا ئامال بار كومپيۇتېرنى قۇياش نۇرى چۈشمەيدىغان جايغا قۇيۇڭ ۋە قېنىق رەڭلىك رەختتە يېپىپ نۇرنىڭ كۈچىنى ئازلىتىڭ.
    4. كومپيۇتېرنىڭ كۆپلىگەن كاشىلىرى ئاساسلىق يۇمشاق دېتال تەرىپىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىرۇس بولسا ئەڭ ئاسان كومپيۇتېرىدا كاشىلا پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان سىستېمىلىق ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئىشلىتىڭ، ۋېروسنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولسا ئىنتايىن مۇھىم.
    5. كومپىيوتىرنىڭ قېشىغا ئۇششاق- چۈششەك قالايمىقان نەرسىلەرنى دۈۋلەپ قويماڭ. بىر تەرەپتىن كومپىيوتىرنىڭ نۇرمال ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا تەسىر يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن سىزنىڭ كومپىيوتىردا نۇرمال خىزمەت قىلىشىڭىزغا دەخلى قىلىدۇ.
    6. كومپيۇتېرنى ئارقىمۇ-ئارقا ئېتىپ ئاچماڭ. چۈنكى كومپيۇتېرنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان توك مەنبەسىمۇ تەڭ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەڭ ئاز بولغاندا يېرىم مىنۇتتىن كىيىن ئاندىن قايتا قوزغىتىش ئېلىپ بېرىڭ. ئەگەر توك بېسىمى نورمال بولمىسا تەكلىپىمىز UPS توك مەنبەسى ئىشلىتىڭ. بۇ ئارقىلىق كومپيۇتېرنىڭ زەخىمىگە ئۇچرىشىنىڭ ۋە ئاسان قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
             كۆرۈلۈشى:2154     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:52يوللىغۇچى ئەزا:
     
     

    يېڭى تېمىلار

     

    توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
    10 مىڭ تىللاغا ساتما..
    تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
    فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
    ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
    Intel نىڭ Windows 8 ..
    تەۋسىيە تېمىلار

     

    Intel نىڭ Windows 8 ..
    Intel ئاللىقاچان 7nm..
    Adobeئالدىنقى ئەۋلاد..
    خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ..

    شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682