ئامېرىكىدا تۇنجى خايكېر بالىلار سىنىپى ئېچىلدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئامېرىكىدا تۇنجى خايكېر بالىلار سىنىپى ئېچىلدى
خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى:  ئامېرىكا  سىملىق  تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 8- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى  ئامېرىكا لاسۋىگاستا ئۆتكۈزۈلگەن  يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەملىك  خايكىرلار يىغىلىشى - پۈتۈن يەرشارى خايكىرلار يىغىنى -DEF CON دا  ئويۇشتۇرغۇچى ئورون تۇنجى بولۇپ بىر «خايكىر بالىلار سىنپى» ئاچتى.  ئۇلار 8 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان بالىلارنى قوبۇل قىلىدىكەن، قوبۇل قىلىدىغان ئوبىكتى خايكىرلارنىڭ بالىلىرى ياكى ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى بولىدىكەن.
  ئادەتتىكى ئاتا- ئانىلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىسا چوقۇم قاتتىق ھەيران قالىدۇ.  بالىلار ئۆگەنمەكچى بولغان  بۇ نەرسىلەرگەقىزىقىپ قالىدۇ. بىراق بۇ خايكىرلارنىڭ مەقسىدى بالىلار سىنىپىدىكى بالىلارغا  ئەسكى خايكىرلارنىڭ نېمە  ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى،قانداق قىلىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتىن ۋە باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلىنىشنى ئۆگىتىدىكەن.
13 ياشلىق  جۈسۈف.ھورماننى تاغىسى ئادام.ستەد (سولت لېيك شەھىرىدىن كەلگەن كومپىيۇتىر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى) بۇ سىنىپقا ئېلىپ كەلدى. چۈنكى ھورماننىڭ  كومپىيۇتىر ئويۇنى ۋە  شىفىر تەرجىمە قىلىش مەستانىسى ئىكەن. ئۇ ھەتتا ئۆزى كومپىيۇتىر ئويۇنى ياساپ چىقالايدىكەن.
سىتەد مۇنداق دېدى:«سەن  يۇتۇبى قاتارلىق ۋىدىئولاردىن قانداق قىلىپ قۇلۇپلاپ چىقىرىۋىتىشنى  كۆرەك قىلىپ چىقىرىپ بېرەلەيسەن. بىراق سەن  ئەخلاق ئېتىكىسىنى ئۆگىنەلەمسەن؟ ياق، مەن ھورمانغا كونتىرول قىلىنغان مۇھىتتا مۇشۇ نەرسىلەرنى ئۆگىتىمەن».
خايكىر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كومپىيۇتىر تېخنىكىسىدىن باشقا يەنە  ئامېرىكا ئالەم ئاۋىئاتىسيەسى،دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىك  مىنىستىرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى شۇنداقلا  دېڭىز ئارمىيە ۋەكىللىرى بۇ سىنپىقا كىلىپ، بالىلارغا قانداق  خايكىرلىق تېخنىكىسىنى ئىگەللەشنى ئېيتىپ بېرىدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت مۇشۇنداق تېخنىكىنى ئىگىلىگۈچىلەرگە مۇھتاج.  بۇ قېتىمقى خايكىرلار چوڭ يىغىلىشىدىكى خايكىرلارنىڭ ئوخشىمايدىغان يىرى  ئۇلار ئەمەلىيەتتە كومپىيۇتىر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپ، تور بىخەتەرلىكىنى ساقلاپ، تورنىڭ  تور جىنايەتچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلايدۇ.
         كۆرۈلۈشى:1190     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:51يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

Intel نىڭ Windows 8 ..
Intel ئاللىقاچان 7nm..
Adobeئالدىنقى ئەۋلاد..
خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682