گۇگېل Facebook قا ئوخشايدىغان «1+» قورالىنى ئېلان قىلدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
گۇگېل Facebook قا ئوخشايدىغان «1+» قورالىنى ئېلان قىلدى
جۇڭخۇا سەيشىن تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، گۇگېل يېڭى قورال  «1+» ئىجتىمائىي ئالاقە ئىزدەش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئابونتلارنىڭ دوستلىرى بىلەن ھەمبەھىرلەنگەن زەنجىرسىمان ئۇلانمىلارنى ئىزدەش ئارقىلىق، شىركەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ساھەسىدىكى رىقابەت كۈچىنىڭ يەنىمۇ زورىيشىنى ئۈمىد قىلغان.
Facebook بۇلتۇر «ياخشى كۆرۈش» (Like) كۇنۇپكىسىنى ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە، گۇگېل يېڭى قورال  «1+» ئىجتىمائىي ئالاقە ئىزدەش مۇلازىمىتىنى ئېلان قىلدى. ئابونتلار ئىزدەش بېتىدىكى «1+» كۇنۇپكىسىنى چېكىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېلخەت ساندۇقىدىكى دوستلىرى ۋە ئۇلارغا ماتېرىياللارغا ئېرىشەلەيدىكەن.
گۇگېل بلوگىدا «1+» ئالاھىدە ئىقتىدار تونۇشتۇرۇلۇپ مۇنداق دېيىلدى:« ‹1+› كۇنۇپكىسى بولسا رەقەم تېز خاتىرىلەش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت، ئۇ ناھايىتى قالتىس قورال!». بۇ گۇگېل ئابونتلىرىنىڭ ئىزدەش پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ قولايلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
گۇگېل بۇ يېڭى قورالىغا مۇنداق مىسال كەلتۈردى:« ئەگەر سىز يېڭىدىن ئىتالىيە ئۇن يېمەكلىكلىرى رىسالىسى لازىم بولۇپ قالسا، سىز «1+» قورالى ئارقىلىق ئىزدىسىڭىز، نەتىجىدە سىز نۇرغۇنلىغان تالانتلىق ئاشپەزلەرنىڭ تەۋسىيە قىلغان ئۇن يېمەكلىكلىرى رىسالىسىگە ئېرىشىسىز. ئەگەر سىز قەھۋە ئىزدىمەكچى بولسىڭىزمۇ، يەنىلا ئوخشاش».
نۆۋەتتە، گۇگېل  «1+» مۇلازىمىتىنىڭ ئىزدەش نەتىجىسى چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما گۇگېلنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتىدە گۇگېلنىڭ بۇ مەھسۇلاتى زور دەرىجىدە كېڭىيىدىكەن. بىر ئانالىزچىلار «گۇگېلنىڭ بۇ مۇلازىمىتى ئۇ ئىلگىرىكى ئېلان قىلغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورى مۇلازىمىتى Google Buzz نىڭ ئورنىنى ئالىدۇ» دېيىشتى.
ھازىر گۇگېل ئېلان قىلغان ئىجتىمائىي ئالاقە مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتى تەس بولۇۋاتىدۇ. گۇگېلنىڭ بىرىنچى قېتىم ئېلان قىلغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورى Orkut گەرچە ھازىرمۇ مودا بولغاندىن، باشقا نۇرغۇن جايلاردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلمىگەن. Buzz بولسا گۇگېلنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئېلان قىلغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بولۇپ، ئۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولغانىدى.
گۇگېلنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىيرىك.سچمىد (Eric Schmidt) مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:« گۇگېل Facebook بىلەن رىقابەتلەشمەيدۇ. ئۇنىڭ رىقابەتلىشىدىغىنى مىكروسوفت، مىكروسوفت گۇگېلنىڭ ئەڭ زوڭ رىقابەتچىسى».
ئەمما، Facebook ھازىر نۇرغۇن ساھەلەردە گۇگېلدىن ئېشىپ كەتتى، 2010-يىلى Facebook تۇنجى قېتىم گۇگېلدىن ئېشىپ، زىيارەت مىقدارى ئەڭ كۆپ تور بېكەت بولۇپ باھالاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر تورداشلارنىڭ Facebook قا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى، زېھنى ۋە خىراجىتى گۇگېلدىن كۆپ.
         كۆرۈلۈشى:1117     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:50يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

Intel نىڭ Windows 8 ..
Intel ئاللىقاچان 7nm..
Adobeئالدىنقى ئەۋلاد..
خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682