<<قارا مېھمانلار>> توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىماقچى بولدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
<<قارا مېھمانلار>> توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىماقچى بولدى
ۋاڭيى تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرى، بۇ قېتىم ياپونيەدە توققۇز بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاپەت ئەھۋالى ۋە قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى نۇرغۇنلىغان تورداشلارغا تەسىر قىلدى. ئەمما مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە  سانسىزلىغان ئابونتلار 360 بىخەتەرلىك مەركىزىگە بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن بەزى ئەھۋاللارنى پاش قىلدى. ئابونتلارنىڭ شىكايەتنامىلىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىم ياپونيەدە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، قەلبى رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن تولغان < قارا مېھمانلار > QQ توپلىرىغا ئاپەت ئەھۋالى بايان تەسۋىرلەنگەن ۋىدېئو ۋە ئۇچۇر ۋە تور ئادرېسلىرىنى يوللاپ، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىماقچى بولغان.ئۇلار تېخى تورداشلارنىڭ QQ شىفىرلىرى قاتارلىق مۇھىم ماتېرىياللىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەن.
360 بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ مەخسۇس مۇتەخەسسىسى شى شىياۋ خۇڭ دوكتۇر تورداشلارنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:<< ئەگەر سىز ياپونيەدىكى ئاپەت ئەھۋالىنى ئېنىق بىلمەكچى بولساڭلار، مەخسۇس ئاخبارات تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلساڭلار بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نوپۇزلۇق، دۆلەتنىڭ ۋە تور ئاممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلساڭلار، ئاپەت ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولالايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىكى، QQ توپلىرىدىكى ۋە ئۇچۇرلىرى يېتەرلىك بولمىغان بەزى تور بېكەتلەردىكى ساختا ئۇچۇرلارغا ئالدىنىپ قالماسلىقىڭلارنى، قەلبى رەزىل ۋاسىتىلەرگە تولغان <قارا مېھمانلار> نىڭ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن>>.
360 بىخەتەرلىك مەركىزى بۇ ھەقتە يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:<< تورداشلار 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى ئارقىلىق تۈرلۈك يامان خاراكتېرلىك يۇمتاللاردىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنەلەيدۇ، بىز تورداشلارنىڭ يەنىمۇ سەزگۈر بولۇشىنى، < قارا مېھمان> لارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى سەمىمىي ئەسكەرتىمىز>>.
         كۆرۈلۈشى:1510     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:50يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

Intel نىڭ Windows 8 ..
Intel ئاللىقاچان 7nm..
Adobeئالدىنقى ئەۋلاد..
خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682