قارا مېھمانلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپتۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
قارا مېھمانلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپتۇ
Chinabyte تورى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى RSA يىغىنىدا بىر قىسىم يېغىن ۋەكىللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:<< نۆۋەتتە مەيدانغا كېلىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك يامان خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى بولۇپ، ھەرگىزمۇ كۆپ كىشىلەر ئويلىغاندەك كومپيۇتېر ۋە ئالاقە تورى ئەمەس ئىكەن>>.
RSA نىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىسىنىڭ مەسئۇلى ئۇرى. رىۋنېرنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇرقى ئۈچ چوڭ يامان خاراكتېرلىك ھۇجۇم Operation Aurora، Night Dragon، GhostNet قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان. ئەنئەنىۋى ھۇجۇمچىلار ئادەتتە تور قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىدىكەن، ئەمما ھازىرقى يامان خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار بولسا تور ۋە ئاساسىي ئەسلىھەلەرگە قىزىقمايدىكەن. ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغانلىرى مەلۇم شىركەتنىڭ مۇقىم ئابونتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى دېگەندەك شەخسنىڭ ئۇچۇرلار ئىكەن.
رىۋنېر يەنە مۇنداق دېدى:<< نۆۋەتتە، Zeusileaks دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يامان خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتالنىڭ يوشۇرۇن تەسىرى زور بولۇۋاتىدۇ، Zeus ياغاچ ئات ۋىرۇسى تەخمىنەن 5 مىليون دانە كومپيۇتېرنى ئۇسسۇلغا سېلىۋاتىدۇ>>.
بۇلتۇرقى يامان خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھۇجۇم نىشانىنى ئانالىز قىلىشتىن شۇ نەرسە ئايان بولدىكى، ھازىرقى قارا مېھمانلارنىڭ قىزىقىشىدا زور بۇرۇلۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغىنى ئەمەلىي نەپكە بۇرۇلغان. ئۇلار ئىلگىرىكىدەك ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىنى كۆز-كۆز قىلىشتىن باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق پۇلغا ئېرىشىشىنى ئالدىنقى مەقسەت قىلغان. ئۇلار ياساۋاتقان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە بولۇپ، ئۇ خىل يامان خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتاللار ئاۋۋال شەخس كومپيۇتېرىدا يوشۇرۇن ھالەتتە ساقلىنىپ تۇرۇپ، كومپيۇتېر بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا شۇ كومپيۇتېردا ساقلانغان شەخس ئۇچۇرلىرىنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن.
         كۆرۈلۈشى:1406     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-9-26 23:04:49يوللىغۇچى ئەزا:
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

Intel نىڭ Windows 8 ..
Intel ئاللىقاچان 7nm..
Adobeئالدىنقى ئەۋلاد..
خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682