قانداق ئەرلەرنىڭ كۆز يېشى سىزنى ئەڭ تەسىرلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلگۈڭىزبارمۇ،ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ قايسىسى سىزگە ئەڭ تەسىر قىلىدۇ؟(ئاۋۋال تاللاپ،ئاندىن جاۋابىنى ئوقۇڭ)
A كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ،غەيرەت قىلىپ ياش تۆكمىگەن ئەر
Bئىرادىلىك ئەرنىڭ مەست بولغاندىن كىيىنكى كۆز يېشى
Cبىر مەھەل تىرىشچانلىقتىن كىيىن مەغلۇبىيەتكە تەن بېرىپ تۆكۈلگەن كۆز يېشى
D ئالتە ياشلىق ئوغلى قەستكە ئۇچرىغاندىن كىيىنكى ئاتىنىڭ قان-زار يىغلىشى
Aنى تاللىغان بولسىڭىز ، ياخشى كۆرىدىغىنىڭىز چىداملىق ئەرلەر ئىكەن،لېكىن بۇنداق ئەرلەرتۇغما سوغۇققان كېلىدۇ،ھېسسىياتقا ئۇنچە قىلىپ كەتمەيدۇ،ئۆزىنى ئىپادىلەشنى بىلمەيدۇ.ئۇ سىزگە قانچە سەل قارىغانسىرى سىز ئۇنىڭغا شۇنچە تارتىشىسىز،شۇڭا سىزدە ئۆزىنى ئازابلاش ئالامىتى بار دېيىشكە بولىدۇ.
B نى تاللىغان بولسىڭىز،ھېسسىياتقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەرنى ياخشى كۆرۈپ
قالىدىكەنسىز.بۇنداق ئەرلەرباشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىدۇ،ئېغىرچىلىقنى ئۆزى كۆتۈرىدۇ،كۆڭلىدىكى ئازابنى باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرمەيدۇ،شۇڭىمۇ مەست بولغاندىن كىيىن يىغلىۋېلىشى،ھەتتا ئادەم ئۇرۇپ دەردىنى چىقىرىۋېلىشى مۇمكىن.
Cتاللىغان بولسىڭىز ،مۇليىم ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز،بۇنداق ئەرلەر تىرىشچان كېلىدۇ،ئۆزى سۆيگەن ئايالغا ياخشى تۇرمۇش شارائىتى يارىتىش ،يېمەك -ئىچمەك ، كىيىم-كېچەك غېمىدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. بۇنىڭدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىزنىڭ قوللىشىڭىز ۋە ياردىمىڭىزدىن ئىبارەت.
Dتاللىغان بولسىڭىز،ئۆزىنى تۇتىۋالغان،سالماق ئەرلەرنى ياقتۇرىدىكەنسىز.ئۇنداق ئەرلەر بىلەن بىللە ئۆتسە،ئىشلاردىن غەم يېيىشنىڭ ھاجىتى يوق،شۇڭا ئۇلار ھەممە ئىشنى ئۆزى بىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
-شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى