<<ئانامغا>> ناملىق شېئىر ئۈستىدە تەھلىل - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...

تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  

 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | دوسىتلىشىش

<<ئانامغا>> ناملىق شېئىر ئۈستىدە تەھلىل

 

ئۆمەر مەخمۇت 
 

مەزكۇر شېئىر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈشتىن ئاۋال بىز شېئىرنىڭ تولۇق تىكستىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىمىز!
 

*ئانامغا   

شائىرە: ئۇيغۇر قىزى
 
 

ئاق سۈتۈڭنىكۆرگەندە
جەننەت ئېرىقىدىكىسۈت

كىتەرمۇتاتىرىپ؟
 
2
كۆزۈڭدىن تارالغاننۇرلار
قىزارتىۋەتتىقۇياشنى
يارىلىپئۇنىڭدا
سانسىز ئاقئاسمان

ئۈزىۋېلىپ
يۇلتۇرزلىرىنىئاسماننىڭ

ئاستىڭ
تۇمار قىلىپبوينۇمغا...
4
چېكەڭدىن تارالغانيوللار
تۇتاشتى
ئاسمانيوللىرىغا،
ھېلىغىچەيۈرىمەنھاپاشلاپ،

ناخشامنى
سۇئالىمغاتاپالمايجاۋاپ... 
 
 

ئانامغاناملىق بۇ شېئىر جەمئىي تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەربىر بۆلەكتە ئانائوبرازى ئاددى، ئىخچام، يېقىشلىق تىللار بىلەن سۈپەتلەپ بىرىلگەن. سۆز بىلەن سۆزئارىسدىكى يېپىشقاقلىق، سۆزلەرنىڭ ئۆز ئارا گىرەلىشىشى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەتنامايەن قىلىنغان. شېئىرنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى ناھايىتىجانلىق بولۇپ، بۇ خىل شەكىلدىكى سېلىشتۇرما ئانا ئوبرازىنى يارىتىشتا ئىنتايىنمۇھىم رول ئوينىغان. تۆۋەندە بىز بۇ شېئىرنى ئوقۇش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەنپىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ باقايلى !

1
ئاق سۈتۈڭنىكۆرگەندە  
جەننەت ئېرىقىدىكىسۈت 
كىتەرمۇ تاتىرىپ؟    


مەزكۇربۆلەك پەقەت ئۈچلا مىسرادىنتەركىب تاپقان. بۇ ئۈچ مىسرا بىر ئومۇمىي مەنىنى (ئانا سۈتى ئوبرازىنى) يارىتىش  ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئەمما، ھەربىر مىسرا ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنەقاتلىمىغا چۆكمەي تۇرۇپ، ئانا سۈتى ئوبرازىنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقىنى بىلگىلىبولمايدۇ. 
«ئاق سۈتۈڭنىكۆرگەندە»، بۇ مىسرادا بىز، <كۆرگۈچى> نىڭ كىملىكى ياكى نىمىلىكى ھەققىدەتەپەككۇر يۈرگۈزىمىز. بۇ تەپەككۇر بىزنىڭ كۆرۈش سەزگۈرىمىزدىن نەچچە ھەسسە تىزئۇرۇندا تۇرغان بولىدۇ. ناۋادا كىيىنكى ئىككى مىسرانى ئېلىۋەتكەندىمۇ ياكى ئوقىمايتۇرغاندىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ خىل تەپەككۇر يۈز بېرىدۇ. ئەلۋەتتە بىزنىڭ شېئىرئوقۇۋاتقان ھالىتىمىزدە ئالدىنقىسى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. چۈنكى بىز كۆرۈشسەزگۈرىمىزگە تايىنىپ شېئىرنى ئوقۇۋاتىمىز ئەمما،  تەپەككۇر ھالىتىمىز كۆرۈشسەزگۈيىمىزنىڭ ياردىمىدە ئۆزىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەيدا بولغان، «كىم ياكى نىمە» گە جاۋاپ تېپىپ بولدى. ئۇنىڭ جاۋابى: «-نىمە»، «جەننەت ئېرىقىدىكى سۈت»... بۇ مىسرايەنە بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلايدۇ، جەننەتتە ئېرىق بارمۇ؟ ئەگەر بولسا ئۇئېرىقتا سۈت بارمۇ؟ ھەددىستە «بىز سىلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغانجەننەتنى ئاتا قىلدۇق دىيىلگەن»، بۇندىن باشقا يەنە «جەننەتتە نىمىنى خىيال قىلساشۇ بولىدۇ» دېگەندەك دىيىلمىلەرمۇ ئۇچرايدۇ. دېمەك، شۇنداق بولغان ئىكەن، تىپىكئىسلام تەسىرىدە، ئۇيغۇر مۇھىتىدا چوڭ بولغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ «جەننەت ئېرىقىدىكىسۈت» دېگەن بۇ مىسراسىمۇ دەل جايىغا چۈشكەن بولىدۇ.  ئەمدىكى مەسىلىدە بۇ ئىككىمسىرامۇ بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلماي، يەنە «كېتەرمۇ تاتىرىپ» دېگەن مىسراغابېقىنىدۇ.  «تاتىرىش» پەقەت ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىق ئادەمگىلا خاس، ئۇنداقتا،سۈتنىڭ تاتىرىشى ئادەملەشتۈرۈش بولامدۇ؟ - شۇنداق. دەل سۈتنىڭ ئادەملەشتۈرلۈپتاتارغانلىقى بۇ ئۈچ مىسرانىڭ بىر بۆلەك شېئىر بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان دەپقاراشقا بولىدۇ.  
 

                            2
 
                 كۆزۈڭدىن تارالغان نۇرلار
 
                       قىزارتىۋەتتى قۇياشنى 
 
                         يارىلىپ ئۇنىڭدا  
 
                        سانسىز ئاق ئاسمان  
 

بۇ بۆلەكمۇ ئومۇمىيلىق جەھەتتەئالدىنقى بۆلەككە ئوخشاش؛ ئانىنىڭ كۆزىدىن تارالغان نۇر بىلەن پۈتۈن كائىناتنىيۇرۇتىۋاتقان نۇر تەڭسىز سېلىشتۇرمىلىققا ئىگە قىلىنغان. تەبىئەت قانۇنىيىتى بويىچەئېيتقاندا، ئانىنىڭ كۆزىدىن تارالغان نۇر، قۇياش نۇرى ئالدىدا ھىچنىمىگە باراۋەرئەمەس. شېئىرى قىممەت نوقتىسدىن (مەزكۇر شېئىردىكى) ئېيتقاندا، ئانىنىڭ كۆزىدىنتارالغان نۇر ئالدىدا، قۇياش نۇرى ھىچنىمىگە باراۋەر ئەمەس. چۈنكى، ئانىنىڭ كۆزىدىنتارالغان نۇردا سانسىز ئاق ئاسمان يارىلىپ تۇرالايدۇ، ئەمما قۇياش نۇرىدا بولسابىرلا ئاسمان يارىلىپ تۇرلايدۇ.  قۇياشنىڭ، ئانىنىڭ كۆز نۇرىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقانشائىرەنىڭ قەلب ئاسمىنىدا قىزىرىشى دەل ئۆزىنىڭ پەقەت بىرلا ئاسماننى يۇرۇتۇپتۇرغانلىقىدىن بولغان.
   
                        

                   ئۈزىۋېلىپ  
               يۇلتۇزلىرىنى ئاسماننىڭ   
                ئاستىڭ  
             تۇمار قىلىپ بوينۇمغا...  
 

بۇ بۆلەك ئالدىنقى ئىككى بۆلەكتىنروشەن پەرىقلەنگەن، بۇ بۆلەكتە سېلىشتۇرما ئۇسۇلى  يۈز ئۆرىگەن بولۇپ، بۇنداقبولۇشىمۇ تەكرارلىقنىڭ ئوقۇرمەننى زىرىكتۈرۈپ قۇيۇشىدىن ساقلانغان.بۇ بۆلەكتە بىزنىڭ دىققىتىمىزنىتارتىدىغىنى«يۇلتۇز» ۋە «تۇمار» دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدۇر. يۇلتۇرزلارنىڭ تۇمارقىلىنىشى، مۇنداق بىر نوقتىنى يەكۈنلەيدۇ.  يەنى، ئۇيغۇر تەپەككۇرىدىكى يۇلتۇزنىڭئادەم ئۆمۈرىگە سىموۋۇل قىلىنىدىغانلىقى (بىزدە بىر يۇلتۇز ئاسماندىن چۈشسە بىرئادەم قازا قىپتۇ دەيدىغان گەپلەر بار)، يۇلتۇزلارنى ئۈزۈپ ئالغۇچى (ئانا) نىڭ،ئۇنى تۇمار قىلىپ (مەنگە) ئېسىشى،  بۇ بۆلەكتىكى ئانا ئوبرازىنى يەنە بىر بالداقيۇقىرى كۆتۈرىدۇ.   
 

              چېكەڭدىن تارالغان يوللار،   
تۇتاشتى  
ئاسمان يوللىرىغا،  
ھېلىغىچە يۈرىمەن ھاپاشلاپ،   
ناخشامنى 
سۇئالىمغا تاپالماي جاۋاپ
 

 بۇ بۆلەك، مەزكۇر شېئىرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان بۆلەكتۇر.  «چېكەڭدىن تارالغان يوللار» بىلەن «ئاسمان يوللىرى» ئارىسىدا  تۇتىشىشنىڭ ھاسىل بولۇشى. قويۇق ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر تەپەككۇر ئۈچۈن يەنىلا «تەقدىر» ئۇقۇمى مۇناسىۋەتلىك.  مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئانىنىڭ چېكىسىدىكى يول، ئاسمان يولىغا تۇتاشقان. ئاسمان ئانىنىڭ يۇلتۇزلارنى ئۈزۈپ ئالىدىغان جاينى... يۇلتۇزلار بىز 3- بۆلەكتە دېگەندەك ئادەم ئۆمرىگە سىمۋول قىلىنغان. تېخىمۇ كونكرېتنى قىلىپ ئېيتقاندا، ئانىنىڭ چېكىسىدىكى يول، «مەن» نىڭ ھاياتلىقىغا تۇتاشقان يول. ئانا، مەن ئۈچۈن ياشايدۇ... 
 

ھېلىغىچە يۈرىمەن ھاپاشلاپ،   
ناخشامنى   
سوئالىمغا تاپالماي جاۋاب...

ئاخىرلاشتۇرغۇچى بۇ مىسرالاردا مەن ھاشلاپ يۈرگەن ناخشا، ئۆزى («سوئالىمغا تاپالماي جاۋاب» دەپ) قەيت قىلغان  سوئالدىن ئىبارەت بولۇپ. ئۇ سوئال دەل،  ئاق سۈتى بىلەن جەننەت ئېرىقىدىكى سۈتنى تاتارتىۋەتكۈچى، كۆزىدىكى نۇرلار بىلەن قۇياشنى قىزارتىپ، سانسىز ئاق ئاسماننى ياراتقۇچى، يۇلتۇزلارنى (ھاياتلىقنىڭ سىمۋولىنى) تۇمار قىلىپ مەننىڭ بوينىغا ئاسقۇچى « ئانا» دېگەن سوئالدۇر.

         كۆرۈلۈشى:544     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-8-22 19:41:44يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | دوسىتلىشىش
ئەنسەر پەن-تېخنىكا شىركىتىدە مۇنداقمۇ ئىشلەش ئۇسۇلى با..
شەۋكىران سېھىرلىك پۇت چاپلىغى
پەن-تېخنىكا گۈللىنىشنىڭ، قۇدرەت تېپىشنىڭ ئاچقۇچى،باي ..
ئەنسەر پەن-تېخنىكا شىركىتىگە ئىقتىساسلىقلار قۇبۇل قىل..
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن موگۇ زاۋۇتىغا جىددى 30 ن..
پەنەر زاۋۇتىمىزغا جىددى 30 نەپەر ئشچى قۇبۇل قىلمىز .
................[ئەينەك زاۋۇتىغا  جىددى 30نەپەر خىزمەتچى قوبۇل ..
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن  A B C پىراۋىلىق شوپۇر جىد..
خىزمەتچى قوبۇل قىلېمىز
ماشنا ساتىمەن
ئشلەمچى لازىممۇ
قەشقەرشەھەر مىلىشىپاخاننىڭ ئارقىسىدىكى 280پىڭپاڭ ئاق ي..
كۇرلامېمان كۇتۇش يۇل بۇيدېكې 2500 پېڭپاڭ زېمېن ئەرزان با..
شىنجاڭ خەلىقئارا سودا چەكلىك شېركىتىمىزگە بىر نەپەركا..
ئىچىملىك زاۋۇتىغا12 نەپەر ئشچى قوبۇل قىلىمىز.
ئەرمىدۇن كۆچىتى سېتىۋالىمەن
ئۇيغۇرچە | ئۆزبەكچە | تۈرۈكچە | ھىندىستان | چەتئەلچە | DJ ناخشىلار | كۈلدۈرگە | قىزىقارلىق
  Till The World Ends
  كۆرۈلۈشى : 705
  2012-2-17 20:43:24
  جىنايەت
  كۆرۈلۈشى : 5236
  2012-2-17 20:35:10
  تۇ كومو يو
  كۆرۈلۈشى : 439
  2012-2-17 20:32:07
  Gordita
  كۆرۈلۈشى : 828
  2012-2-17 20:30:20
  My Heart Is Broken
  كۆرۈلۈشى : 439
  2012-2-17 20:24:26
  You
  كۆرۈلۈشى : 1389
  2012-2-17 20:19:16

يېڭى تېمىلار

 

قاتار چاي..
بولدى قىل..
مۇزلىغان دىل..
ۋىجدان..
چار خورازنىڭ سوقۇشۇش..
كەتكىن..

تەۋسىيە تېمىلار

 

قاتار چاي..
بولدى قىل..
مۇزلىغان دىل..
ۋىجدان..
كەتكىن..
ئېيىتقىنا ئەمدى قاند..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682