ئەر كىشىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىڭ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئەر كىشىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىڭ
1.ئۇ ئۇدا بىر نەچچە سائەت تور ئويۇنى ئويناشقا رازىكى ۋاقىت چىقىرىپ سىز بىلەن پاراڭلاشمايدۇ ، تور ئويۇنىنى يەنە شاھمات ئويناش ، گولف توپ ئويناش ، ئەرمەك ھايۋان ئوينىتىش ، ھېكايە ئوقۇش ھەتتا ھاڭۋاقتىلارچە خىيال سۈرۈش قاتارلىقلارغا ئالماشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ ، ئىشقىلىپ ئۇ مەپتۇن بولۇۋاتقان ئىشلار قانچىكى زېرىكىشلىك بولغانسېرى سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ .
2.سىز نازۇك ئىچ كىيىملىرىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈرسىڭىزمۇ ئۇ سىزگە پىسەنت قىلمىسا ياكى قارشى ئىنكاستا بولسا ؛
3.خىزمەتدىشى بىلەن بىرگە كارا okدا ناخشا ئېيتقىلى بېرىش ئۈچۈن سىز بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنى رەت قىلسا ؛
4.ئوتتۇراڭلاردا دېيىشكۈدەك گەپ بولمىسا ياكى ھەتتا گەپلەشكۈدەك ئىمكانىيەتمۇ بولمىسا ؛ بۇنداق ئوخشاش يولدىكى ناتونۇش ئادەملەر بولغاندىن كۆرە ئارىنى ئوچۇق قىلغان ياخشى بولمىسا كېيىنكى كۈنلەردە سىز تېخىمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلىسىز .
5.ئىككىڭلار دائىم بىر – بىرىڭلارغا قاراپ:« توۋا،مەن قانداق بولۇپ مۇشۇنداق ئادەم بىلەن بىرگە ئۆتۈپ قالغاندىمەن ؟» دەپ ئويلايدىغان بولساڭلار ؛سىز ئۇنىڭغا قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە ياكى ئۇ سىز قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە ۋە ياكى سىلەر بىر – بىرىڭلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرۈپ يەتكەندە ئەسلىدە قارشى تەرەپنىڭ بىر ناتونۇش ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلساڭلار ؛
6.ئەگەر سىز ئاچچىقلاپ كېتىپ قالسىڭىز ئۇ سىزگە تېلېفون قىلىپ كەچۈرۈم سورىمىسا ھەمدە سىزگە ئەپۇ قىلىش توغرىلىق نەسىھەت قىلمىسا ؛ ئېنىقكى ئۇ سىزدىن زېرىككەن ؛
7.سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن تاماق ئېتىش ، كىر يۇيۇش قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىشنى قوبۇل قىلالمايدىغان بۇنداق تۇرمۇشنى مەنىسىز ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالسىڭىز ؛ ئاللىقاچان ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالسىڭىز يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان بېرىشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟
8.ئىككىڭلار بىر يەرگە كەلسەڭلارلا پۇل ئۈچۈن غەم قىلىدىغان بولۇپ قالساڭلار ؛ئادەمنىڭ ياشىشى پەقەت تاماق يېيىش ئۈچۈنلا ئەمەس ئەمما تاماق يېمىسەك ھايات تۇرالمايمىز ، ئەلۋەتتە سىز چوقۇم ئىشەنچلىك بىر يۆلەنچۈك تېپىشىڭىز زۆرۈر ئەمەس بىراق ئۇ سىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلمىسە يەنە ئۇنى ئىزدەپ نېمە قىلىسىز ؟ئەجەبا سىز لېيفىڭدىن ئۆگەنمەكچىمۇ ؟
9.سىز ياكى ئۇ رومانتىكلىقنى بىر خىل ئەخمەقلىق دەپ ھېس قىلىپ قالساڭلار ؛
10.ئۇ سىزگە بىۋاسىتە ھالدا باشقا بىر خىل ئۇسلۇبتىكى كىيىم كىيىشكە دەۋەت قىلسا ياكى مەمەدانلىق بىلەن مەن نېمىشقا XX چولپانغا ئوخشاش گەپ قىلمايسەن ياكى شۇنىڭدەك ياسانمايسەن ؟دېسە ھەتتا ئۆزىنى قايسىدۇ بىر داڭلىق چولپاندەك ھېس قىلسا ؛
ھېچنېمە دېمەيلى بولدى ، يۇقىرىقىدەك ئىشلار تۇرمۇشىڭىزدا يۈز بەرسە ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ئويلىشىپ بېقىڭ ؟
         كۆرۈلۈشى:2179     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-8-18 16:24:53يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
يىگىتلەرنىڭ كۆڭلىدىك..
ئەنگىلىيە تەتقىقاتچى..
مۇستەقىل كۆز قارىشى ..
ئەرلەرنىڭ كۈزلۈك كۈت..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682