ئەرلەرگە پايدىلىق توققۇز تۈرلۈك يېمەكلىك - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئەرلەرگە پايدىلىق توققۇز تۈرلۈك يېمەكلىك
1 . پەمىدۇر   پەمىدۇردىكى چۈچۈمەل تەم ئاشقازان كېسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاقسىلنىڭ ھەزىم بۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، پەمىدۇر ، تەركىبىدە مول بولغان ۋېتامىن c  بولۇپ ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىش رولىغا ئىگە .

2 . سېرىق پۇرچاق  دائىم سېرىق پۇرچاق  يەيدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرت ، سېرىق پۇرچاق ئەرلەردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

3 . كاۋا ئۇرۇقى  تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە ، مەزى بېزى يوغىناپ كەتكەن ئەرلەر كاۋا ئۇرۇقىنى كۆپ يەپ بەرسە ، سۈيدۈك قېتىم سانىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپلا قالماي ، باشقا كېسەللىكلەرنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

4 . سەۋزە  سەۋزە ھەزىم قىلىنغاندىن كىيىن تەركىبىدىكى كاتورىن ۋىتامىن A  غا ئۆزگىرىپ ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، ھۈجەيرىلەردە يامانلىشىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىنى تېزگىنلەپ ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

5 . دېڭىز مەھسۇلاتلىرى  دېڭىز مەھسۇلاتلىرى جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ .

6 . سامساق   سامساقنىڭ كۈچلۈك باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار . ئۇنىڭدىن باشقا ، ۋېتامىن B1نىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ ، ھارغىنلىقىنى تۈگىتىدۇ .

7 . سۇ  ئىنسانلار مېڭىسىنىڭ 75 % سۇ بولۇپ ، سۇ مىقدارى باك ئاز بولسا ئاسان چارچاش ھەمدە ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .

8 . يېشىل چاي   يېشىل چاي تەركىبىدە ۋېتامىن c  مول بولۇپ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

9 . قىزىل ھاراق   قىزىل ھاراق تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار مول بولۇپ ، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ . 



                                                                         - شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
         كۆرۈلۈشى:1578     قوشۇلغان ۋاقتى:2011-8-18 16:24:07يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
يىگىتلەرنىڭ كۆڭلىدىك..
ئەنگىلىيە تەتقىقاتچى..
مۇستەقىل كۆز قارىشى ..
ئەرلەرنىڭ كۈزلۈك كۈت..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682