شىۋاشىنگىر يۇقىرى باھادا ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى چىقارماقچى |
شىۋاشىنگىر ۋە ئۇنىڭ ئايالى مارىيە
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 24-كۉنىدىكى خەۋىرى. داڭلىق كىنو چولپىنى شىۋاشىنگىر يېقىندا يۇقىرى باھادا ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى چىقارماقچى بولغان. ئۇ تەرجىمىھالىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىن باشلاپ يازماقچى بولغان.مەزمۇنى ئاۋىستىرىيەدىكى ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىن باشلاپ، گۈزەل بەدەن ئەپەندىسى بولىشىدىن تارتىپ ئامېرىكىغا بارغان ئىشلىرى، ئارتىسلىق ھاياتىدىن تارتىپ سىياسىي شەخىسكە ئايلانغانغىچە بولغان ۋاقىت يېزىلغان ئىكەن. لېكىن، ئۇنىڭ تەرجىمىھالىدا كىشىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى، ئۇنىڭ ئايال غوجىدار بىلەن بولعان مەخپىي مۇناسىۋىتى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. تەيۋەن كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، شىۋاشىنگىر ئۆز قولى بىلەن تەرجىمىھالىنى چىقارماقچى بولغانلىقى، ھەمدە نيۇيوركتىكى بىر چوڭ نەشرىيات بىلەن توختاملاشماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەگەر توحتام ئوڭۇشلۇق بولسىلا، ئۇنىڭ ئايالى مارىيە 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھەققە ئېرىشىدىكەن. بۇ ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرى باھالىق توختام ھېسابلىناتتى. ئېگىلىنىشىچە، شىۋاشىنگىر تەرجىمىھالىدا، ئايال غوجىدار بىلەن بولغان مەخپىي مۇناسىۋەتنى يېزىشتىن سىرت، نەشرىيات يەنە ئۇنىڭ ئايرىلىپ تۇرىۋاتقان ئايالى مارىيە بىلەن بولغان شەخسىي تۇرمۇشىنىمۇ يېزىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ كىتاب چىقىپ قالسا، نۇرغۇن مەخپىيەتلىكلەرنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-25 12:32:16 ئۇقۇلۇشى: 341 قېتىم] |
|