داڭلىق چولپان مايكول. جېكسوننىڭ شەخسىي دوختۇرى سوتقا تارتىلىدىكەن |
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-سېنتەبىر يوللىغان تېلېگراممىسى:پوپ مۇزىكا ساھەسىدىكى چولپان مايكول. جىكسون ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ شەخسىي دوختۇرى كونراد. جۇئىس كېلەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى بىلەن سوتلىنىدىكەن. نۆۋەتتە مايكول. جېكسوننىڭ شەخسىي دوختۇرنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتىنى سوتلاشقا قاتنىشىدىغان زاستاتېللارنى تاللاش خىزمىتى ئاخىرلاشقان بولۇپ، دېلوغا قاراپ چىقىش كېلەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ لوس-ئنژىلىس شەھىرىدە باشلىنىدىكەن. يەتتە نەپەر ئەر، بەش نەپەر ئايالدىن تەركىب تاپقان زاستاتىللار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى 400 نەپەردىن ئارتۇق كىشى ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان ئىكەن. تەكشۈرۈش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، مايكول. جېكسوننىڭ شەخسىي دوختۇرى كونراد. جوئىس مايكول. جېكسوننىڭ ياخشى ئوۋلىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، مايكول. جىكسونغا كۆپ مىقداردا ناركوز دورىسى يېزىپ بېرىپ، داۋالاش ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئىكەن. دوختۇر جۇئىس سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. بىراق ئۇ بۇ جىنايەتنى بوينىغا ئالمىغان.


[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/25 12:18:15 ئۇقۇلۇشى: 326 قېتىم] |
|