تەۋسىيە
خەۋەرلەر |
|
توپنى ياخشى ئوينىغا.. | NBA ئىككى تەرەپ سۆھبى.. | پائۇل باشقىلارنىڭ ك.. | ۋاسكىتبول چولپىنى ج.. | كوبى ئىتالىيە توپ م.. | جۇڭگو ئامېرىكا مائا.. | كىنۇ ئارتىسى ئەنجىل.. | شاكىرا يۈزسىزلىك قى.. | |
|
|
لىۋىيە ئۇرۇشىغا كىم رەھبەرلىك قىلىدۇ |

ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، لىۋىيەنى كۆپ قېتىم بومباردىمان قىلدى. لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەر «دوست ئارمىيە»نىڭ داۋاملىق بومباردىمان قىلىشىنى ئالقىشلىدى، كازافى بولسا ئاخىرىغىچە قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. غەرب دۆلەتلىرى، ش ئا ئە ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق تاشقى كۈچلەر لىۋىيە ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىشنى ئويلىغان. ئۇنداق بولسا، زادى كىم لىۋىيە ئۇرۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ؟ لىۋىيەنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتى قانداق ئاقىۋەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: لىۋىيە ئۇرۇش ۋەزىيىتى ئاخىرىدا لىۋىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ «بىر-بىرىنىڭ كۈچىنى خورىتىشى»غا باغلىق بولسىمۇ، ھازىرقى باسقۇچتا چەت ئەلنىڭ ھەربىي مۇداخىلىسى يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ چەت ئەل كۈچلىرى ئىچىدە فىرانسىيە، ئەنگلىيە، بولۇپمۇ فىرانسىيەنىڭ «سەركە»لىك رول ئويناش مۇددىئاسى بار. ئىراق ئۇرۇشى پارتلاپ سەككىز يىلدىن كېيىن، ئامېرىكا لىۋىيەگە قارىتىلغان تۇنجى بومباردىماندا ئۆزى خالىماي چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇ يەنىلا بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشاشمايدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا بۇ قېتىم ئىنتايىن ئېغىر-بېسىق بولدى. ئۇ بۇ قېتىم ھەمدەمدە بولۇشقا رازى بولدىكى، فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ « زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى»نى تېخىمۇ ئالقىشلىدى. سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىشىغا قارشى تۇرغان فىرانسىيە بۇ قېتىم ئالدى بىلەن مەيدانغا سەكرەپ چۈشتى، ئۇ لىۋىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلىپلا قالماي، باشلامچىلىق بىلەن سوقۇش ئايروپىلان ئەۋەتىپ، لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ گازارمىسىنى بومباردىمان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتىكى ئاساسلىق رولچىغا ئايلاندى. ئەنگلىيەمۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئامېرىكىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، لىۋىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى. دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەربىي گۇرۇھ بولغان ش ئا ئە ت ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولدى. ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى راسمۇسېن 22-مارت: تەشكىلاتىمىز لىۋىيەگە قورال ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى، دېدى. بىراق، ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىش مەسىلىسىدە ش ئا ئە ت نىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىختىلاپ پەيدا بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كازافىنى تەخىتتىن چۈشۈشكە قايتا-قايتا دەۋەت قىلىپ، لىۋىيەگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش تەدبىرىنى كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلغان ھەم ماقۇللىغان بولسىمۇ، ھەربىي جەھەتتە ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىدى. ئۇنداقتا ھەرقايسى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتتىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقىغا ئوخشاشمىغان پوزىتسىيەسى تۇتۇشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟ ياۋروپا جامائەتچىلىكى: لىۋىيەگە قارىتىلغان بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى كېڭەيتىۋېتىشكە قارشى تۇرۇش، قۇرۇقلۇق قىسمى ئەۋەتىشنى رەت قىلىش ھەم قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىش قاتارلىق پاسسىپ ئۇسۇللارنى قوللىنىشى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستان جەڭگاھىدىن تېخى قولىنى ئۈزەلمىگەن ئەھۋالدا، تېخىمۇ ئېغىر يۈك ئارتىۋېلىشنى خالىمىغانلىقىنى، شۇنداقلا لىۋىيەدىكى توقۇنۇشقا زىيادە ئارىلىشىۋېلىشنىڭ ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، دەپ قارىدى. ئەمما، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى لىۋىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىش « بىر چالمىدا ئۈچ پاختەك سوقۇش»نى مەقسەت قىلىغان، دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. ساركوزى بىرىنچىدىن، بۇ ئارقىلىق خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى نامايەن قىلىپ، پۇقرالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، كېلەر يىلىدىكى سايلامدا ئۇدا سايلىنىشقا «دەسمايە» توپلاشنى؛ ئىككىنچىدىن، لىۋىيە ساركوزىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز ئىتتىپاقى قۇرۇش تەشەببۇسىغا ئاشكارا قارشى تۇرغانلىقتىن، بۇ قېتىمقى ھەربىي زەربە بېرىشتىن پايدىلىنىپ، ئىتتىپاق بەرپا قىلىشتىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشنى؛ ئۈچىنچىدىن، فىرانسىيەنىڭ لىۋىيەدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەشنى ئۈمىد قىلغان. تەھلىلچىلەر ش ئا ئە ت نىڭ ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇشىغا بىرىنچىدىن، تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرغانلىقى، يەنە بىرجەھەتتىن ش ئا ئە ت نىڭ ئىستىراتېگىيەلىك بۇرۇلۇشى ۋە ئىچكى قىسمىدىكى مەنپەئەت ئىختىلاپى سەۋەب بولغان،دەپ قارىدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئاخىرلاشماسلىقىدىن ھەم لىۋىيەنىڭ قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى. خەلقئارادا بۇ ئۇرۇشتىن گۇمانلىنىدىغان سادا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون تەشكىلاتلىرى، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى ھەم گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسى ۋە مەيدانى كۈنسېرى تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەرىكەتكە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى جەھەتتىكى ئىختىلاپ ۋە زىددىيەت ھەم ئالاقىدار مەنپەئەت توقۇنۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى مۇمكىن. لىۋىيەدە «باشقا بىر خىل خەتەرنىڭ بىخى» كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتتە قەبىلىلەر كۆپ بولۇپ، ئاۋام ئاۋۋال قەبىلىگە، ئۇنىڭدىن قالسا دۆلەتكە سادىق بولىدۇ. كازافىنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلىشىگە نۇرغۇن چوڭ قەبىلىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سادىق بولغانلىقى سەۋەب بولغان. ھازىرقى كۆپ دۆلەت ھەربىي ھەرىكىتى كۆپ بولغاندا، لىۋىيەدىكى ئىچكى توقۇنۇشنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىنى پەقەتلا پەسەيتەلەيدۇ ياكى توسۇيالايدۇ، لېكىن مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ. كازافى تەخىتتىن چۈشكەن تەقدىردىمۇ لىۋىيەنىڭ تىنچلىقنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى ناھايىتى تەس، ۋەزىيەت بەلكىم يەنە بىر قېتىم تىزگىنسىز قېلىپ، مىلىتارىستلار بۆلۈنۈپ، « يەنە بىر سومالى» پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-24 12:00:26 ئۇقۇلۇشى: 297 قېتىم] |
|
|
|
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
يېڭى جوڭگو قۇرۇل.. | يېڭىلىق يارىتىش .. | قىززىقارلىق سۇلي.. | «دۇنيا مودىل قىز.. | شەنشى ئالاھىدە ب.. | سەنيادىن قوزغالغ.. | مۆجىزە يۈز بەردى.. | كىلىستىيانو. لون.. | پەخىرلىك ئوغلانم.. | ئاتا-ئانا ئاجرىش.. | خۇجىنتاۋ ئامېرىك.. | گىرۋائېسنىڭ رېيا.. |
|
|
|
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 -
17)
, ئالاقىلىشىش
تىلىفۇنى : 13139663453
, 新ICP备10001556号 |
|