9-ئاينىڭ 21-كۈنى ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگو تەرەپنىڭ يەنە قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي ، تەيۋەنگە بىر تۈركۈم ئىلغار قورال ياراق جابدۇقلىرىنى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بۇنىڭغا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ، ئامېرىكا 30يىلدىن بىرى تەيۋەنگە 80قېتىمدىن كۆپرەك قورال ياراق سېتىپ بەرگەن بولۇپ ، ئومۇمى باھاسى 40مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن.

رەسىم : " قارا بۈركۈت " ناملىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلان
رەسىم : ئاپاچې ناملىق ھوجومچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان

رەسىم : F-16كۆرەشچى ئايرۇپىلان
ئامرىنىڭ تەيۋەنگە قورال ياراق سىتىپ بىرىشىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈچ قىتىم ئېتراز بىلدۈردى .
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامرىكىنى خاتالىقىنى تىزدىن تۈزىتىپ ، ئالاقىدار قورال ياراق سىتىپ بىرىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلدى ؛ دۆلەت موداپىيە مىنىستىرلىقى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىمۇ ئىېتراز بىلدۈرۈپ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
9-ئاينىڭ 21-كۈنى ، ئامرىكا ھۆكۈمىتى جوڭگۇنىڭ يەنە قايتا قارشى تۇرىشىغا قارىماي ، تەيۋەنگە بىر تۈركۈم ئىلغار قورال ياراق جابدۇقلىرىنى سىتىپ بىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ،بۇلار F-16A/Bكۆرەشچى ئايرۇپىلاننى ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇش ، ھەربى ئىشلاردا ئىشلىتىدىغان ئايرۇپىلان سايمانلارنى سىتىپ بىرىش ، ھەم ئالاقىدار تەربىيلەش تۈرى بىلەن تەمىنلەش بولۇپ ، ئومومى سوممىسى 5مىلىيارت 852مىلىيۇن ئامرىكا دوللىرىغا يىتىدىكەن .
جوڭگۇ ھۆكۈمىتى ۋە خەلىقى بۇنىڭغا بۇنىڭغا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ موئاۋىن مىنىستىرى جاڭ جېجۈن بۇيرۇققا بىنائەت ئامرىكىنىڭ جوڭگۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لو جىياخۇي بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئامرىكا تەرەپكە كۈچلۈك ئېتراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . جوڭگۇنىڭ ئامرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ يېسۈيمۇ ۋاشىنگىتۇندا ئامرىكىغا كۈچلۈك ئېتراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماچاۋشۈ 21-كۈنى ئامرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال ياراق سىتىپ بىرىش پىلانىدا جوڭگۇنىڭ كەسكىن مەيدانىنى جاكارلىدى . ماچاۋشۈ مۇنداق دىدى . ھىچقانداق بىر ئادەم جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خەلىقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى قوغداش ھوقوقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ھوقوقىنى ، سىرتقى موداخىلىگە قەتئى قارشى تۇرۇش قەتئى ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. بىز ئامرىكا تەرەپنىڭ تەيۋەنگە قورال ياراق سىتىپ بىرىش مەسىلىسىنىڭ يۈكسەك سەزگۈرلۈكلىكىنى ۋە ئىغىر زىينىنى تولۇق تونۇپ ، جوڭگۇنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىگە ھەقىقى ھۆرمەت قىلىپ ، جوڭگۇ بىلەن ئامرىكىنىڭ ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسى مىزانىغا رىئايە قىلىشىنى، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خاتالىقىنى تىزدىن تۈزىتىپ ، ئالاقىدار قورال ياراق سىتىپ بىرىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، تەيۋەنگە ھەربى قورال ياراق سىتىپ بىرىشنى توختىتىش ، ئامرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ھەربى ئىشلار ئالاقىسىنى توختىتىپ ، جوڭگۇ ئامرىكا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ موقىم تەرەققى قىلىشى ۋە ئىككى قىرغاق موناسىۋىتىنىڭ تىنىچ تەرەققى قىلىشىغا يەنىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىمىز .
دىپلۇماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن موخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا ، بىر موخبىر جوڭگۇ تىخىمۇ قاتتىق قايتۇرما زەربە بىرىش تەدبىرى قوللىنىپ ، ئامرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال ياراق سىتىپ بىرىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشى كىرەكمۇ قانداق ؟ دەپ سۇئال سورىدى .
بۇ سۇئالغا قارىتا ، باياناتچى خوڭ لىي يەنە قايتا جوڭگۇ تەرەپنىڭ مەيدانىنىڭ كەسكىنلىكىنى بىلدۈردى . خوڭ لىي مۇنداق دىدى . " كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، جوڭگۇنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن ياكى قاتنىشىدىكەن ، ھەممىسى جوڭگۇ خەلىقىنىڭ قارشى تۇرىشىغا ئۇچرايدۇ " .
يىقىنقى يىللاردا ئامرىكىنىڭ تەيۋەنگە سىتىپ بەرگەن قورال ياراقلىرى
" قارا بۈركۈت " ناملىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلان
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ، ئامرىكا تەيۋەنگە 60دانە " قارا بۈركۈت " ناملىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ، ۋەتەنپەرۋەر ئۈچ تىپلىق باشقۇرلىدىغان بومبا سىستىمىسى قاتارلىق ھەربى قورال ياراقلارنى سىتىپ بىرىشنى جاكارلىغان بولۇپ ، ئومومى سوممىسى 6مىلىيارت 392مىلىيۇن يۈەنگە يىتىدۇ .
" قارا بۈركۈت " ناملىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بولسا ئامرىكا ئارمىيسى ئوموميۈزلۈك ئىشلىتىدىغان بىر خىل قوراللىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . ئاساسلىقى ئالدىنقى سەپكە تۇيۇقسىز زەربە بىرىش قىسمى ۋە يەر يۈزىدىكى نىشانلارغا ھوجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ ، بەزىدە جەڭگاھلاردىكى يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ .
ئاپاچې ناملىق ھوجومچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان
2008-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامرىكا ئارمىيسى تەيۋەنگە E2 ئالدىن سىگنال بىرىش ئۈسكۈنىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئاپاچې ناملىق ھوجومچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان قاتارلىق 6خىل ئىلغار قورال ياراق سىستىمىسىنى سىتىپ بەردى .
ئاپاچې ناملىق ھوجومچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان - ئامرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيسىدىكى ئەڭ مورەككەپ بولغان ھوجومچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بولۇپ ، كالبىرى 30مىللىمىتىر بولغان ئايرۇپىلان توپى (1200تال ئوق غەملىگىلى بولىدۇ ) ، 16تال " دوزاق ئوتى ناملىق باشقۇرلىدىغان بومبا " ئىلىپ يۈرەلەيدىغان بولۇپ ، ھەر بىر بومبا ئىسىش نوقتىسىغا بىر دانە 19تۇرۇببىلىق راكىتا قويۇپ بىرىش ئۇۋىسى ئىسىشقا بولىدۇ ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 4دانە راكىتا قويۇپ بىرىش ئۇۋىسى ئىسىشقا بولىدۇ .
F-16كۆرەشچى ئايرۇپىلان
2006-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ، ئامرىكا تەيۋەنگە قىممىتى نەچچە تىرلىيۇن تەيۋەن پۇلىغا باراۋەر كىلىدىغان 66دانەF-16C/Dكۆرەشچى ئايرۇپىلان سىتىپ بىرىشنى قارار قىلغان .
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ، تەيۋەنگە ھازىرقى F-16A/B دىن ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇلغان ئايرۇپىلان سىتىپ بىرىشنى پىلانلىغان .
F-16كۆرەشچى ئايرۇپىلاننىڭ 10نەچچە خىل ئۆزگەرتىلگەن تېپى بولۇپ ، ئەڭ ئاساسلىقى 4خىل :Aتېپلىقى بولسا ئاساسى تېپلىق ؛ Bتېپلىقى بولسا قوش ئورۇنلۇق كۆرەشچى ھەم مەشىق تېپلىق ؛ C تېپلىقى بولساA تېپلىقىدىن ئۆزگەرتىلەن تېپ ؛ D تېپلىقى B تېپلىقىدىن ئۆزگەرتىلگەن تېپ ؛
ئۇرۇشتىكى ۋەزىپىسى بولسا تۆۋەن ئىگىز ھاۋا بوشلىقىدا ھاۋا ھوجومىنى توسۇش ، يىقىن يېراق ھاۋا بوشلىقىدا ئاۋىئاتسىيە قىسمىغا قارشى ئۇرۇشقا ياردەم بىرىش ۋە ھوجوم قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ .
ئىنكاس
【دۆلەت موداپىيە مىنىستىرلىقى】
ئامرىكىنىڭ ناچار تەسىرنى تىزدىن يوقوتۇشقا دەۋەت قىلىنىدۇ .
دۆلەت موداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ يەن شىېڭ موشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى ئامرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال ياراق سىتىپ بىرىش پىلانىغا قارىتا جوڭگۇ تەرەپنىڭ مەيدانىنىڭ كەسكىنلىكىنى بىلدۈردى .
گېڭ يەن شىېڭ مۇنداق دىدى . جوڭگۇ ئارمىيسى ئامرىكىنىڭ بۇ خىل جوڭگۇنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارلىشدىغان ، جوڭگۇنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ھەركىتىدىن قاتتىق غەزەپلەندى ، ھەم قاتتىق ئەيىپلىدى !جوڭگۇ دۆلەت مودەپىيە مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ موئاۋىن مودىرى گۈەن يوفىي دىڭىز ئارمىيە گىنرال مايۇرىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئامرىكىنىڭ جوڭگۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى دۆلەت موداپىيە ھەربى ئەمەلدار ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئامرىكىغا قاتتىق ئىتراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى .
ئۇ مۇنداق دىدى . يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ، جوڭگۇ ئامرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئارمىيە مۇناسىۋىتى باشتىن ئاخىر " تەرەققى قىلىش --توختاپ قىلىش ---يەنە تەرەققى قىلىش ---يەنە توختاپ قىلىش " تەك غەلىتە چەمبىرەكتىن چىقالمايۋاتىدۇ ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئامرىكىنىڭ جوڭگۇنىڭ قەتئى قارشىلىقىغا قارىماي ، تەتۈرلۈك بىلەن تەيۋەنگە قورال ياراق سىتىپ بىرىشىدۇر . بۇ يىلدىن بۇيان ، جوڭگۇ ئامرىكىنىڭ ئارمىيە مۇناسىۋىتى يەنە ياخشىلىنىپ ، ئىككى تەرەپ كۆپ قاتلام ، كۆپ خىل ساھەرلەردە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇردى . بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ، ئامرىكا جوڭگۇ بىلەن بۇ ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ ، كىڭەيتمەي ، يەنە جوڭگۇنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي تەتۈرلۈك بىلەن يەنە قايتا كۆلىمى زور بولغان تەيۋەنگە قورال ياراق سىتىپ بىرىش پىلانىنى جاكارلاپ ، ئىككى تەرەپ ئارمىيسىنىڭ نومالنى باردى كەلدىسىگە ئىغىر پۇتلىكاشاڭ بولدى . بۇ ئىش شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، جوڭگۇ ئامرىكا ئىككى تەرەپ ئارمىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسئۇلىيتى پۈتۈنلەي ئامرىكا تەرەپتە .
ئۇ مۇنداق دېدى . تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ . جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش مەسىلىدىكى مەيدانى مۇستەھكەم ھەم ئېنىق . ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال ياراق سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدىكى خاتالىقىنىڭ جۇڭگو ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئارمىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ . بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خاتالىقىنى تىزدىن تۈزىتىپ ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىپ ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگوغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، تەيۋەن بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلار ئالاقىسىنى توختىتىپ ، جۇڭگو ئامېرىكا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە يەنىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز .
【گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى】
تەيۋەننىڭ قارشىلىق قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز
گېزىتىمىزنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرى ، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال ياراق سېتىپ بېرىشنى جاكارلىغانلىقىنى قىلمىشىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسى مىزانىغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ ، تەيۋەن رايونىنىڭ تىنچلىق مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ ، بۇ ھەم ئامېرىكىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە خىلاپ بولۇپ ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ ، بىز بۇنىڭغا قارىتا قەتئىي نارازىلىقىمىزنى ۋە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىمىز.
بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى . 2008-يىلى 5-ئايدىن بۇيان ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە تىنچ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى . ھازىر تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمەن مۇقىم بولۇپ ، بۇ ياخشى ۋەزىيەت ئاسان قولغا كەلمىگەن . تەيۋەن تەرەپنىڭ يەنە ئاتالمىش چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە تەھدىتىنى مۇبالىغە قىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ئاساسىمۇ يوق بولۇپ ، ئىككى قىرغاقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىسىز . بىز تەيۋەن تەرەپنىڭ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ ، ئىككى قىرغاق ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلماسلىقىنى ، تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان سالىدىغان ، ئىككى قىرغان مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز .
ئانالىز
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىزىچە جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قايتۇرما تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىنكەن .
ئېستېتىكىغا ئاساسلانغاندا ، ئامېرىكا تەيۋەنگە 80قېتىمدىن ئارتۇق ھەربىي قورال ياراق سېتىپ بەرگەن بولۇپ ، مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى خىيالى بار دېدى .
تۈنۈگۈن ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسى توغرىسىدا ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى تاۋ ۋىنجاۋ مۇنداق دەپ قارىدى . ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي قورال ياراق سېتىپ بېرىشى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق بولۇپ ، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قايتۇرما تەدبىر قوللىنىشى مومكىن .
تاۋ ۋىنجاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ قېتىملىق 5مىليارد 800مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال ياراق زاكاز تالونىدا ، 4مىليارد 200مىليون ئامېرىكا دوللىرى F-16A/Bكۈرەشچى ئايروپىلاننى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ قۇراشتۇرۇش خىراجىتى بولۇپ ، باشقىلىرى ئۇششاق دېتال ۋە تەربىيىلەش خىراجىتىگە ئىشلىتىدىغان خىراجەت ئىكەن . ئەمەلىيەتتە ، بۇ قېتىملىق قورال ياراق سېتىپ بېرىشتە تەيۋەن ئارمىيىسى F-16C/Dكۈرەشچى ئايروپىلاننى سېتىپ بېرىش ئۈمىدى بار ئىكەن ، چۈنكى F-16A/Bكۈرەشچى ئايروپىلاننى ئامېرىكا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90يىللىرى تەيۋەنگە سېتىپ بەرگەن بولۇپ ، ھازىر تېخنىكا دەۋردىن قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن ، ئەمما ئامېرىكا بىۋاسىتە F-16C/Dكۈرەشچى ئايروپىلاننى سېتىپ بەرمەي ، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شەكلى بىلەن بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان . مۇشۇنداق بولغانىكەن ، بىزنىڭ نوقتىمىزدا تۇرۇپ سۆزلىگەندە ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال ياراق سېتىپ بېرىشى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ دېدى
رەئىس خوجىنتاۋ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مەيلى ھۆكۈمەت ياكى ئارمىيە تەرەپتە بولسۇن ھەممىسى ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ، ئامېرىكىنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتنى تاللاپ تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىشنى جاكارلىشى ، ھەقىقەتەنمۇ جۇڭگونىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ . ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا تەيۋەنگە قورال ياراق سېتىپ بېرىشىنى جاكارلىشى ئىنتايىن مۇۋاپىق .ئەمەس ، چۈنكى ، بىرىنچىدىن جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ بۇ ئىككى يىللىق ئىلگىرىلىشى ناھايىتى ياخشى ، بولۇپمۇ ، ئىككى تەرەپ ئارمىيىسىنىڭ ئالاقىسى كۆپەيدى ، بۇنىڭدىن باشقا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى بۇ ئىككى يىلدا ئۇدا ياخشى تەرەققىي قىلىپ ، ھەر قايسى جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلدى ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا تەيۋەنگە قورال ياراق سېتىپ بېرىشنى جاكارلىشى جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە كەلتۈرۈشىگە زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ دېدى .
يېقىنقى يىللاردا ، ئامېرىكا تەيۋەنگە ئۇدا ھەربىي قورال ياراق سېتىپ بەردى ، مۇكەممەل بولمىغان ئېستېتىكىغا ئاساسلانغاندا ، يېقىنقى 30يىل مابەينىدە ، ئامېرىكا تەيۋەنگە 80قېتىمدىن ئارتۇق قورال ياراق سېتىپ بەرگەن بولۇپ ، ئومۇمى سوممىسى 40مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن .
تاۋ ۋىنجاۋ ئانالىز قىلىپ ، ئەمەلىيەتتە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80يىللىرىدا ، ئىككى دۆلەت 817ئاخباراتىنى ئىمزالىغان بولۇپ ، ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بەرمەسلىككە ۋەدە قىلغاندىن كىيىن بىر مەزگىل يامان ئەمەس ئىش قىلىپ ، تەيۋەنگە قورال ياراق سېتىپ بېرىش قېتىم سانى ناھايىتى ئاز بولغان ، قورال ياراق سېتىپ بېرىش سوممىسىمۇ بىر قانچە يۈز مىليون ئىچىدە ساقلىغان ، ئەمما بوش ھۆكۈمىتى دەۋرىگە كەلگەندە ، قورال ياراق سېتىپ بېرىش سوممىسى بىر قانچە مىليارد ئېشىپ ، ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ . ئامېرىكىنىڭ قورال ياراق سېتىش سەۋەبى بىرىنچىدىن جۇڭگو بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ چوڭ بولۇپ كېتىشىنى خالىماسلىقىدىن بولۇپ ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى كونترول قىلىش بولۇپ ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى خىيالىدۇر .بۇنىڭدىن باشقا ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئامېرىكا ئاسىيانىڭ ئىشلىرىغا پائال ئارىلىشىۋاتىدۇ ، قورال ياراق سېتىشمۇ مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دېدى .
ئالدىنقى يىلى ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بەرگەندە ، جۇڭگو ئىككى تەرەپ ئارمىيىسى پىلانى ئىچىدىكى ئۆز ئارا زىيارەتكە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت تۈرلۈك قارشى تەدبىر قوللاندى ، بۇ يىل جۇڭگو قارشى تەدبىرنى يەنىمۇ كۈچەيتەمدۇ قانداق ؟ تاۋ ۋىنجاۋ مۇنداق دەپ قارىدى ، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قايتۇرما تەدبىر قوللىنىشى مومكىن ، كونكرېت ئىشلارغا دىپلوماتىيە تارماقلىرى ھۆكۈم قىلىدۇ . ئەگەر قايتۇرما تەدبىر قوللىنىدىغان ئىش بولسا كۆپ قىسمى ئىككى تەرەپ ئارمىيىسىنىڭ ئۆز ئارا زىيارەت قىلىپ ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بېرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە بولىدۇ .