ئۆمۈر چولپىنى-ئىسمايىل ئېلى |

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: ئىسمايىل ئېلى بۇ يىل 109 ياش بولۇپ ، 1902-يىلى ئىيۇلدا باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرىدا تۇغۇلغان . ئىككى قېتىم نىكاھلانغان ، توققۇز بالىسى، 47 نەۋرىسى، 18 چەۋرىسى بار بولۇپ ، كۆرۈش، ئاڭلاش ئىقتىدارى ياخشى . ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ئوچۇق-يورۇق، خۇشچاقچاق، چىقىشقاق، مۇڭداشقاق بولۇپ ، تاماق تاللىمايدىكەن . ئۇ سۈت ، قېتىققا ئامراق بولۇپ، كۆپ ۋاقىتلاردا قارا ئاشلىق يېيىشكە ئادەتلەنگەنىكەن ، تومۇز ئىسسىقتىمۇ قېلىن كىيىنىدىكەن. ئات مىنىشنى، پىيادە مېڭىشنى ياخشى كۆرىدىكەن .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-24 11:31:49 ئۇقۇلۇشى: 330 قېتىم] |
|