دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك رەسىم ئاپپاراتىنى بىلەمسىز |

ئامېرىكا Hammacher Schlememrشىركىتى قانچە كىچىك بولسا شۈنچە ياخشى بولىدۇ دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ،دۇنيادىكى ھەجىمى ئەڭ كىچىك سودىغا ئىشلىتىدىغان رەسىم ئاپپاراتىنى تەتقىق قىلىپ چىققان.بۇ ئاپپاراتنىڭ ھەجىمى پەقەت 2.54كۋادرات سانتىمېتىر بولۇپ ئېغىرلىقى 28گرام،سېتىلىش باھاسى 99.95دوللار ،2مىليۇن پىكسىللىق رەسىم تارتقىلى بولىدۇ،سىنغا ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. باش شىتابى نىيۇ يوركقا تەسىس قىلىنغان بۇ شىركەتنىڭ كۆرسىتىشىچە ئۇلار ياساپ چىققان بۇ مىكرو ئاپپاراتنى بارماقنىڭ ئۇچىغا قويغىلى بولىدىكەن،گەرچە ئۇنىڭ چوڭلىقى شاركچىلىك بولسىمۇ ئىقتىدارى ئالاھىدە ئىكەن.شىركەت دېرىكتۇرى مۇنداق دېدى:بۇ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك رەسىم تارتىش ئاپپاراتى ،ئۆزى كىچىك بولسىمۇ ئىقتىدارى ئۆزگىچە بولۇپ ھەم رەسىمگە تارتالايدۇ ھەم سىنغا ئالالايدۇ،ئىشىنىمەنكى بۇ مەھسۇلات ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ.ئۇنى ئېلىپ يۈرۈش بەك قولايلىق بولۇپ بىلەككىلا ئېسىۋالسا بولىدۇ. Hammacher Schlememrشىركىتى بۇ ئاپپاراتقا ئاپتۇماتىك فوكىس توغىرلاش لايىھىسىنى ئىشلەتكەن بولۇپ ،JPEGفورماتىدىكى رەسىمنى تارتقىلى بولىدۇ،ئېنىقلىقى 1600×1200.ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئاپپاراتنى USBسىم ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ ئادەتتىكى رەسىم ئاپپاراتلىرىغا ئوخشاش ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
مەنبە: tech.sina.com.cn
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-23 10:57:03 ئۇقۇلۇشى: 432 قېتىم] |
|