مىكروسوفىتنىڭ سابىق ئايال ئەمەلدارى جىنسىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغان |

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر مىكروسوفت شىركىتىنىڭ سابىق ئايال ئەمەلدارى ناتالىيە. ئايرىسنى (Natalie Ayres)دەرىجە ئۆستۈرۈش ئىشلىرى جەھەتتە ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىدى دەپ قارىغانلىقىتىن، مىكروسوفت ئۇنىڭغان بىر مىليون فونستىرلىڭدىن ئارتۇق تۆلەم تۆلەپ بەرگەن ناتالىيە.ئايرىس مىكروسوفت شىركىتىدە 15 يىل ئىشلەپ ئەڭ ئاخىرىدا، مىكروسوفتنىڭ ئەنگىلىيە ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ۋە ھەمكارلىق شېرىكى گۇروھىنىڭ باش دېرىكتورلۇقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 2006-يىلى يازدا، مىكروسوفتنىڭ ئەنگلىيەدىكى باش دىرېكتورى ئالىستار. باكىر (Alistair Baker)خىزمەتتىن ئايرىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر ئايرىسنى باكىرنىڭ ئورنىغا چىقىدىغان ئەڭ ياخشى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان نامزات دەپ قارىغانىدى، ئەمما كېيىن ئۇ ئورۇنغا مىكروسوفتنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى باش دىرېكتورى گوردون فرانزىر (Gordon Frazer)چىقىدۇ. ئەمما ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا ئايرىس تېخى يۈز-تۇرانە ئىمتىھان جەريانىدىلا، مىكروسوفت فرانزىرنى باكىرنىڭ ئورنىغا قويۇشنى قارار قىلىپ بولغان ئىكەن. ئايرىس شۇ يىلى مىكروسوفتتىن ئايرىلغان بولۇپ، ئېيتىلىشىچە، ئۇ مىكروسوفت بىلەن «كېلىشىش كېلىشىمى» ئىمزالاپ، مىكروسوفت ئۇنىڭغا يەتتە خانلىق سوممىدىكى تۆلەم تۆلىگەنىكەن. ئەينى ۋاقىتتا، فرانزىر مۇنداق دېگەنىدى، مىكروسوفت مۇنداق تالانت ئىگىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا ئېچىنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئايرىسنى ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىدى دەپ قارىغانلىقتىن، ئۇنىڭ مىكروسوفتتىن ئايرىلىشى مىكروسوفتتىكى باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. بىر مەلۇماتچى مۇنداق دېگەن: «رەھبەرلىك قاتلىمى پۈتۈنلەي تەرتىپ بويىچە ئىش قىلمىدى، ئەگەر سىزمۇ ئايال كىشى بولغان بولسىڭىز، ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولاتتىڭىز. بۇ يەر ئەرلەر كۇلۇبى. ئاياللارنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشىنىڭ بىردىنبىر يولى ئەر كىشىگە ئايلىنىش.» گەرچە ئاياللار مىكروسوفتتىكى ھەرقايسى ئورۇنلارغا قارىتا ئادىل رىقابەتتە بولالىسىمۇ، 65-دەرىجە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئورۇنغا كەلگەندە «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاندەك» ئىش قىلىدۇ. مىكروسوفت ۋە ئايرىس بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. مىكروسوفت «كۆپ خىللىشىش ۋە ئادىللىق» قا ئائىت تور بېكىتىدە ئايرىسنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئىشلەتكەن: «مىكروسوفت ئاياللارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان شىركەت. مەن ئاياللار ناھايىتى ئاسانلا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ دەپ قارايمەن، ئەمما مەن مىكروسوفتنىڭ ھەرقانداق ئورنىدا ئۆزۈمنى ناھايىتى ئازادە ھېس قىلىمەن.» ئايرىس يۇقىرى سۆزلەرنى ئېلان قىلغان ۋاقتى، مىكروسوفتنىڭ فرانزىرنى ئۆستۈرۈشتىن بۇرۇنقى ئىشلار ئىدى. مىكروسوفتنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دەيدۇ: «مىكروسوفت ھازىرقى ياكى بۇرۇنقى خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق مۇنازىرىسىنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ، بۇ ھەرقانداق بىر مەسئۇلىيەتچان شىركەتنىڭ ئۆلچەملىك ئۇسۇلى. ئەمما مىكروسوفت خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللىشىش ۋە ئەپۇچانلىقىدىكى يادرولۇق قىممىتىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇ ھەم شىركەتنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئادەم ئىشلەتكۈچى 50 شىركەت تىزىملىكىگە كىرىشىدىكى كۆپ خىل سەۋەبلەرنىڭ بىرى.» مەنبە: tech.qq.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-23 10:54:24 ئۇقۇلۇشى: 341 قېتىم] |
|