لەيدى گاگا تايلور بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى |
بۇ يىل 7-ئايدا، لەيدى گاگا بۇرۇنقى ئوغۇل دوستى لوك. كار بىلەن ئايرىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، «بۆرە ئادەم» تايلور بىلەن يېڭى ناخشىسى «سەن ۋە مەن» نىڭ MVسىنى سۈرەتكە ئېلىش سەۋەبلىك، چاقماق تېزلىكىدە مۇھەببەت دېڭىزىغا چۆكۈپ كەتكەن. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىدە، ئامىرىكا مودا ئېقىم ناخشا خانىشى لايدى گاگا «قان شورىغۇچى ئالۋاستىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» ناملىق فىلىمدىكى ئەر چولپان تايلور. كىننىي بىلەن ساياھەتكە چىقىپ، توپتوغرا ئۈچ كۈن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى سۈرەتكە ئېلىۋىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتەك قىزغىن مۇھەببىتى پۈتۈنلەي ئاشكارلانغان. بۇنداق خەۋەرلەرگە قارىتا، لايدى گاگا قەتئىي ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، ئۆزىنىڭ مۇھەببەتلىشىدىغان ۋاقتىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقان. ھەمكارلىشىپ يېڭى ناخشىنىڭ MVسىنى ئىشلەش جەريانىدا مۇھەببەت گۈللىرى ئېچىلىپتۇ ئامىرىكىنىڭ تاماشا تور بېكىتى Radar دا ئاشكارلىنىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا، «قان شورىغۇچى ئالۋاستىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» فىلىمى ئارقىلىق تونۇلغان تايلور. كىننىي لايدى گاگا بىلەن تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ يېڭى ناخشىسى «سەن ۋە مەن» نىڭ MVسىنى ئىشلىگەن. گاگا مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى قەتئىي ئىنكار قىلدى لايدى گاگا ئالدىنقى ئوغۇل دوستى لوك. كار بىلەن 2006-يىلىدىن باشلاپ مۇھەببەتلەشكەن بولۇپ، 2008-يىلى لوك باشقا بىر ئايال چولپاننى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىق سەۋەبى بىلەن، ئىككىيلەن تۇنجى قېتىم ئايرىلىپ كەتكەن، ئەمما ئىككى يىلدىن كېيىن ئەپلىشىپ قالغان. 2010-يىلى روژىستوۋ بايرىمىدا، لايدى گاگا بىلەن لوك گرېتسىيىدە ئۆمۈرلۈك قەسەم بېرىشىپ، ئەنگلىيەدە چۆچەكلەردىكىدەك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىمىز دېگەن. ئېچىنارلىقى، بۇ قارىماققا ناھايىتى مۇكەممەل بولغان مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ كېتىدۇ: ئەسلىدە لوك يەنىلا بۇرۇنقى قىز دوستى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ لايدى گاگا بىلەن ئەپلىشىش پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابىنى تەشۋىق قىلىش ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن لايدى گاگا باشقىلار تەرىپىدىن «مۇھەببەتتىكى كالۋا» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يىل 5-ئايدا لايدى گاگا ئۆزىنىڭ يالغۇز تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ، ئەمما ئالدىنقى قېتىملىق مۇھەببەتتىكى بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، لايدى گاگا ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا ناھايىتى دىققەت قىلىدىغان بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ تايلور بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، لايدى گاگا بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ، «مەن كۈندە 16 سائەتتىن، 20 سائەتكىچە خىزمەت قىلىمەن، مۇھەببەتلىشىدىغانغا پەقەتلا ۋاقتىم يوق» دېگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-22 11:02:21 ئۇقۇلۇشى: 299 قېتىم] |
|