ئاۋدى Q7 ماشىنىنىڭ سەلەركە ماتورلۇق نۇسقىسى بازارغا سېلىندى |
مەنبە: auto.cri.cn
2011-09-20 09:31
نۆۋەتتە يىچى داجۇڭ ئاپتوموبىل شىركىتى 2012-يىللىق «ئاۋدى Q7» ماشىنىنىڭ سەلەركە ماتورلۇق نۇسقىسىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قېتىم بازارغا سېلىنغان 2012-يىللىق «ئاۋدى Q7» ماشىنىنىڭ ئىچكى بىزىلىشى ۋە سەپلىمىلىرى ئومومىيۈزلۈك ياخشىلانغان بولۇپ، سەلەركە ماتورلۇق ماشىنىنىڭ باھاسى 886-257 يۈز مىڭ يۈەن ئەتىراپىدا بولىدىكەن.
2012款奥迪Q7柴油车型 指导售价 |
车型 |
售价(万元) |
3.0 TDI 领先型 |
88.60 |
3.0 TDI 专享型 |
104.58 |
6.0 TDI 旗舰型 |
257.80 |
بۇ قېتىم بازارغا سېلىنغان ماشىنىغا يېڭى بىر ئەۋلات 3.0 TDI تىپلىق سالىياركا تازلاش ماتۇرى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئەڭ چوڭ چىقىرىش مىقدارى ئەسلىدىكى 239 ئات كۈچىدىن (176kW) 245 ئات كۈچىگە (180kW) ئۆستۈرۈلدى. يېڭى ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى دۆلەتلىك 4-دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن. ماشىنىغا ئەڭ يېڭى تىپلىق ھەركەتنى ئۇزارتقۇچى سېستىما ۋە سۈرئەتنى ئۆزگەرتكۈچى سېستىما ئورنىتىلغان.
سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ ماشىنىنىڭ 100 كىلومېتىرلىق سۈرئەت ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن پەقەت 7.8 سىكونتلا ۋاقىت كىتىدىكەن. ماشىنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سائىتىگە 216 كىلومىتىرغا يىتىدىكەن. ماي سەرپىياتى بولسا ھەر يۈز كىلومىتىرغا 7.4 لىتىر ماي سەرىپ قىلىدىكەن.

ئىچكى بىزىلىشى جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ماشىنىنىڭ يۆنىلىش كۆرسىتىش تەخسىسى ئەڭ يېڭى بولغان ئاچدى A8L بىلەن ئوخشاش لايھىلەنگەن بولۇپ، خوت يۆتكەيدىغان تۇتقۇچقىمۇ ئەڭ يېڭى لايھە ئىشلىتىلگەن. ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ئەينەكلەرنى ئېچىپ-يېپىش كونۇپكىسىمۇ ئەڭ يېڭى لايھە بويىچە ياسالغان ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-21 11:31:05 ئۇقۇلۇشى: 465 قېتىم] |
|