يانى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چىڭدۇدا سەييارە ئويۇن قويىدۇ |

ئۇ «دۇنيادىكى رويال تالانت ئىگىسى»؛
ئېلېكترونلۇق مۇزىكىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى؛
ئۇ ھېچقانداق نوتىغا تايانماي، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تايىنىپ، ئاڭلاپ باققان ھەرقانداق مۇزىكىدىكى ھەر بىر ئاھاڭنى توغرا ئەستە تۇتالايدۇ؛
ئۇ بىر خىل ئالاھىدە سېھرىي كۈچكە ئىگە مۇزىكا ئېقىمى بولغان يېڭى ئەسىر مۇزىكىسىنى ياراتتى؛
ئۇ Private Music تارىخىدىكى سېتىلىش مىقدارى ئەڭ ياخشى بولغان سەنئەتچى؛
ئۇ دۇنيادىكى قەدىمكى مەدەنىي يادىكارلىقلار ساقلانغان داڭلىق جايلاردا مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن؛
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆتكەنكى ئون يىل جەريانىدا ئىزچىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنىڭ رادىئو مۇزىكىلىرى ۋە ئوسكارنىڭ ئېچىلىش مۇراسىملىرى مۇزىكىلىرىدىكى ئەڭ ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن مۇزىكىلار بولۇپ كەلدى.
ئۇ جۇڭگوغا كېلىپ ئويۇن قويغان تۇنجى غەرب مۇزىكانتى شۇنداقلا جۇڭگو ھۆكۈمىتى زىجىن قەلئەسى ئىچىدە ئويۇن قويۇشىنى تەستىقلىغان تۇنجى مۇزىكانت.
ئۇ ئىلگىرى گرىتسىيە دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش كوماندىسىغا قاتنىشىپ، ئەركىن ئۈزۈش تۈرى بويىچە گرىتسىيىنىڭ دۆلەت رېكورتىنى بۇزغان، كېيىن ئامىرىكا مىنىسوتۇدان ئۇنىۋېرسېتىتىغا كېلىپ، پىسخولوگىيە ئىلمى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئۇ ئالاھىدە تالانتقا ئىگە «گرىتسىيە رويال شاھزادىسى»؛
ئۇ، دەل يانى.
1997-يىلى يانى زىجىن قەلئەسىدە ئويۇن قويۇپ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تالانتىنى نامايان قىلدى.
ئۇ بولغاچقا دۇنيا جۇڭگونى چۈشەندى؛
ئۇ بولغاچقا، بىز دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاھىدە بولغان مۇزىكىنى چۈشەندۇق؛
يانى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىر خىل ئالاھىدە كۈچكە ئوخشاش، ھەم كۈچلۈك ھەم مەڭگۈلۈك. بۇ داڭلىق مۇزىكانتنىڭ پلاستىنكىلىرى ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 20 مىليونلۇق سېتىلىش مىقدارىغا ئىگە بولۇپ كەلدى، شۇنداقلا 35 دانە ئالتۇن پلاستىنكا ۋە ئاق ئالتۇن پلاستىنكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر دۇنيانىڭ قەدىمكى مەدەنىي يادىكارلىقلىرى ساقلانغان جايلاردا مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ باققان ئادەم. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى ۋە ئۇنىڭ مۆجىزە كەبى سەرگۈزەشتىلىرى مىليونلىغان تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى چەكتى. «ۋاشىگىتون پوچتا گېزىتى» نىڭ يانىنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىرىنى «بىر مۆجىزە، سودا ئىنىستىتۇتىدا سۆزلىنىدىغان، سىنىپتا ئۆتۈلىدىغان، ئۇخلاشتىن بۇرۇن تىپتىنچ ئولتۇرۇپ ئوقۇيدىغان دەرسلىك كىتاب» دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
يانى 2011-يىلى جۇڭگوغا قىلغان ساياھىتىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چىڭدۇدىن ئىبارەت تۆت شەھەردە بەش مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، بارلىق يانىنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار ئۈچۈن مۇزىكىدىن ھوزۇرلىنىدىغان بىر سەھنە ھازىرلاپ بېرىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/20 20:31:57 ئۇقۇلۇشى: 139 قېتىم] |
|