بۇرۇنقى يىگىتىگە بىر يىلدا 65000 قېتىم تېلىفون ئۇرغان ئايال |

خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: گوللاندىيەدە بىر ئايال ئۆتكەندە بىر يىلدا ئالدىنقى ئوغۇل دوستىغا 65000 قېتىم تېلىفون ئۇرغان، بۇ سان ھەر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 178 قېتىمدىن توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئوغۇل دوستى پاراكەندە قىلدى دەپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوتقا شىكايەت قىلغان.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ 42 ياشلىق ئايال ئۆتكەندە بىر يىلدا توختىماي تېلىفون، قىسقا ئۇچۇر ۋە ئېلخەت ئارقىلىق 62 ياشلىق ئىلگىرى ئوغۇل دوستىنى «بومباردىمان» قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ پەقەت ھالىنى قويمىغان. گەرچە ئالدىنقى ئوغۇل دوستى ئىككىيلەننىڭ ئاللىقاچان ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنى قالمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئايال ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق قىز-ئوغۇل دوستلۇق مۇناسىۋىتىم بار دەپ تۇرىۋالغان ھەمدە ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ ھېچقانداق نامۇۋاپىق يېرى يوقلىقىنى ئېيتقان.
گوللاندىيە ساقچى تەرەپ بۇ ئايالنىڭ روتتېردامدىكى تۇرالغۇسىغا تۇيۇقسىز بۆسۈپ كىرىپ، نۇرغۇن يانفون ۋە كومپيۇتېرلارنى مۇسادىرە قىلغان. بىر سوتچى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىدا بۇ ئايالنى كېپىلگە بېرىشكە قوشۇلغان، ئەمما ئۇنىڭدىن چوقۇم ئالدىنقى ئوغۇل دوستىدىن يىراق تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئارىدىن پەقەت ئىككى سائەت ئۆتە ئۆتمەيلا يەنە تېلىفوننى قولىغا ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئايال قايتا نازارەتكە ئېلىنىپ، يېڭى بىر قېتىملىق گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/16 11:09:12 ئۇقۇلۇشى: 220 قېتىم] |
|