بىر مولۇق قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى ئۆستى |
مەنبە: uyghur.people.com.cn

يېقىندا پۇل ساقلاش بازىرى باشقىدىنلا قىزىپ كەتتى، ھەر خىل پۇللارنىڭ باھاسى بىراقلا ئۆسۈپ كەتتى. «جۇڭخۇا مىنگو»نىڭ 3-يىلى نۇسخىسىدىكى يۈەن شىكەينىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كۈمۈش تەڭگىنىڭ قىممىتى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى 50 نەچچە يۈەن ئىدى. بىراق بۈگۈنكى كۈندە 750 يۈەنگە ئۆسكەن، سۈپىتى ياخشىراقلىرىنىڭ باھاسى 1000 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، 3-يۈرۈش بىر مولۇق خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى بىر يىل ئاۋۋالقى 30 مىڭ يۈەندىن ھازىرقى 60-70 مىڭ يۈەنگە ئۆسكەن. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى»
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-14 13:57:05 ئۇقۇلۇشى: 1064 قېتىم] |
|