جۇڭگو كەلگۈسىدە 5000 بوئىن تىپلىق ئايروپىلان سېتىۋالىدىكەن |
9-ئاينىڭ 12-كۈنى بوئىن شېركىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە،جۇڭگونىڭ 2011-يىللىق بازار پىلاندا 2030-يىلغىچە بولغان 20 يىل ئىچىدە،جۇڭگو بوئىن تىپلىق ئايرۇپىلاندىن 5000 نى سېتۋالدىكەن،ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن 600 مېرلىياد ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلدىكەن،كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنجى ئايرۇپىلان بازىرى بۇلۇپ قالدىكەن.
بوئىن شېركىتى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارىنىڭ بۈلدۈرشىچە،ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلىكسىز ھالدا تىز ئېشىشى،كۈندۈلۈك بازار پىلانىنىڭ جانلىنىشى،شەخىسلەر تاپاۋىتىنىڭ زور كۆلەمدە ئېشىشى ھەمدە بازارنىڭ ئەركىنلىشىش دەرىجسىنىڭ چوڭىيشى بولسا جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە تۇشۇش ئشلىرنىڭ تىز تەرەققى قىلىشىدىكى ئاساسى ئامىل ئىكەن.
جۇڭگو كەلگۈسىدە سېتۋالدىغان 5000 ئايرۇپىلان ئىچىدە،تەخمىنەن 4180 نى ھازىرقى بازارنىڭ ۋە تۇشۇش ئشلىرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن،قالغان قىسىمىنى بولسا كونا ئايرۇپىلانلارنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇردىكەن.بوئىن شېركىتىنىڭ پەرىزىچە،كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە،جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە ئشلىرى بىلەن خەلىقئارا كەسپى تىز سۈرەتتە تەرەققى قىلىپ،ئېشىش سۈرىتى دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەردىن ئېشىپ چۈشىدىكەن.ھازىر دۆلىتىمىز ئاۋىئاتسىيە ئشلىرىغا ئشلىتۋاتقان ئايرۇپىلانلار بولسا ئاساسلىق بوئىن تىپلىق ئايرۇپىلان ئىكەن.

[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-13 17:09:50 ئۇقۇلۇشى: 370 قېتىم] |
|