لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتنىڭ بىر ئەمەلدارى 10- سېنتەبىر |
مەنبە: finance.huanqiu.com
لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتنىڭ بىر ئەمەلدارى 10- سېنتەبىر: "نەچچە كۈن " ئىچىدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز، بىر يىل ئىچىدە نېفىت ئېلىش مىقدارىنى توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز، دېدى. مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە مالىيەگە مەسئۇل ئەمەلدارى ئەلى تارخۇنى (Ali Tarhouni) شۇ كۈنى مۇھىم نېفىت شەھىرى برېگا (Brega) نى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: 12- ياكى 14- سېنتەبىر، بىز سەلىر ۋە مەسرا نېفىتلىكىدە ئىش باشلايمىز. سەلىر ۋە مەسرا نېفىتلىكى لىۋىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانىدى. نېفىتلىكنىڭ ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر يېنىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى. لىۋىيە ئەرەب دېڭىزى قولتۇقى نېفىت شىركىتىنىڭ خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خادىملار نەق مەيدانغا بېرىپ، نېفىت قېزىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ. ئەلى تارخۇنىنىڭ سۆزى بويىچە، باشقا رايونلارمۇ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشقا پائال تەييارلىق قىلىۋىتىپتۇ، "نەچچە كۈن" ئىچىدە نېفىت قېزىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۆلچەرلەنمەكتە. لىۋىيەدە ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى ئافرىقا بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن جايلار تېخى تەكشۈرۈلمىگەن، نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقىنى ئېچىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. لىۋىيەنىڭ خام نېفىتى سۈپىتى ياخشى بولۇش، گۈڭگۈرت ئاز بولۇش، ئېچىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، لىۋىيەنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن بىر مىليون 600 مىڭ تۇڭ ئىدى.

[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/13 17:08:11 ئۇقۇلۇشى: 123 قېتىم] |
|