«سىپارتاك»فىلىمىدىكى باش قەھرىمان راكىغا كېسىلى بىلەن 39 يېشىدا ۋاپات بولدى |

ئامىرىكا فىلىمى "سىپارتاك"تا رول ئالغان ئەر قەھرىمان ئەندىر.ۋايتىيفىلىد 9-ئاينىڭ 11-كۈنى لىمفا راكى سەۋەبىدىن 39 يىشىدا ۋاپات بولدى. ئەندىر ۋېلىشتا تۇغۇلغان بولۇپ 1999-يىلى ئاۋىستىرالىيەگە كۆچۈپ كىلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى ،ئۇنىڭ ئايالى باياناتىدا "ئەندىر ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا ،ئامىراق ئايالىنىڭ قۇچىقىدا خاتىرجەم جان ئۈزدى "دىدى. 2010-يىل فىلىمنىڭ 2-قىسمى سۈرئەتكە ئىلىنىش مەزگىلىدەئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىسەلگە گىرىتار بولغانلىقى بىلگەن ، ھەمدە داۋالىنىشنى باشلىغان ،ئۇ ئۆزىنىڭ پاتراق ساقىيىپ ئىكىرانغا قايتىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى ،بىراق بۇ رەھىمسىز كىسەل ئۇنى بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتۇردى. مەنبە: post.yule.tom.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/13 17:06:00 ئۇقۇلۇشى: 188 قېتىم] |
|