نېكۇلاس كەيج ئائىلە ئۈچۈن ئالدىراشچىلىقتا چاچلىرى ئاقىرىپ بوۋايغا ئايلاندى |

خەلقئارا لىنىيە مەخسۇس خەۋىرى، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى نېكۇلاس توغرىسىدىكى ناچار خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى، ئالدىدا زورلۇق ئىشلەتكەن سىن ھۆججىتى ئاشكارىلاندى، ئاندىن نېرۋىسىدىن چاتاق چىقىپ دوختۇرغا بېرىپتۇ، ئۆزنىڭ شەخسى تېرنېرىنى ئۇرۇپتۇ، ئاخىرىدا ئوغلى ۋېستوننىڭ يېڭى توي قىلغان ئايالىنى ئۇرغانلىق گۇمانى بىلەن ساقچىلار تۇتۇپ تۇرغان خەۋىرى چىقىپ ئىزچىل گېزىتلەرنىڭ باش بېتىدە چوققا خەۋەر بولۇپ تۇردى. توختىماي ئاۋارىچىلىككە ئۇچراۋاتقان نېكۇلاس ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ ئۆزى، ئائىلىسى ياكى باللىرى توغرۇلۇق ئۇچۇر بەرمىدى. لېكىن يېقىندا مەلۇم ئاخبارات ۋاسىتىسى ئىككى پارچە رەسىمنى ئاشكارىلىدى. ئىككى رەسىمدىكى ئوبرازلارنى سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق ئىلگىرىكى ئۆزنى ياش، كىنولىرى شاش نېكۇلاس ھازىرقى چاچ ساقاللىرى ئاقارغان بوۋايغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئالدىمىزدا بۇ داڭلىق چولپاننىڭ «ئايال پېرىخوننىڭ پەسلى» ناملىق بىر كىنوسى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. گەرچە نۇرغۇنلار نېكۇلاس بۇ كىنودىن نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىدۇ دەپ پەرەز قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇياقنىڭ چاچلىرىنىڭ ئاقىرىپ كېتىش سەۋەبى ھەرگىزمۇ نېكۇلاسنىڭ كىنو ئىشلەپ ھېرىپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى دەل شۇ ئىقتىسادتا قىينىلىپ قالغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.

[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/13 17:03:22 ئۇقۇلۇشى: 94 قېتىم] |
|