دۇنيادىكى ئاجايىپ تەلۋە ھەمدە جاندىن تويغان كىشىلەر |
مەنبە: news.xinhuanet.com
2011-09-10 05:15

ئۆزى يالغۇز تاغ ئۈستىدىكى قەبرىگە چىقىپ ،چىدىر تىكىپ جەسەتلەر بىلەن بىر كىچە ياتقان ئادەم
چوڭچىڭلىق بىر تورداش "ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ "يېقىندا توردا يوللىغان قەدىمىي قەبرە ئاكىسى ناملىق رەسىمى نۇرغۇنلغان تورداشلارنى ئۆزىگە قىزىقتۇرېدى .بۇ قەدىمىي قەبرە ئاكىسى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى لۇڭخۇشەن تېغىدىكى قەدىىي قەبىرىگە چىققان ،ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بۇ قەدىمىي قەبرىگە قارىغۇچىلارنىڭ كۆزىنى ئىلەشتۈرۈپ ئوغۇرلۇقچە قەبرە ئىچىگە كىرىپ چىدىر تىكىپ بىر كىچە قەدىمىي قەبرە ئىچدىكى جەسەتلەر بىلەن بىرگە ياتقان ،نۇرغۇن تورداش ئۇنى جەسەت بىلەن بىر كىچە ياتالىغاندىكىن يۈرىكى ھەقىقەتەن قاپتەك باركەن دىيىشتى .

غالتەكلىك ئاياغ بىلەن تاغ ئۈستىدىكى ماشىنا يولىدا تېيىلغان ئادەم
2009 يىلى 7-ئايدا گىرمانىيەلىك دىك ئىسىملىك بۇ جاندىن تويغان ئادەم باغچا ئىچىدىكى 860 مىتىرلىق تاغ ئۈستىدىكى ئويۇنچۇق ماشىنا يولىدا 56 ئىنگىلىز مىلى تىزلىك سۈرەتلىك بىلەن تاغ يولىدىن چۈشۈپ مۇشۇ تۈرنى تاماملىغان تۇنجى ئادەم بوپ قالدى .

كۆيىۋاتقان يانار تاغقا 100 مىتىر ئارلىق قالغۇچە يېقىنلاشقان "تەلۋىلەر "
2010 يىلى 10 ئايدا ئاۋىستىرىيالىق تەۋەككۈلچى ،دوسلىرىنىڭ ياردىمىدە ئايروپىىلاندىن ئارغامچا ئارقىلىق بۇ يانار تاغ ئىچىگە چۈشكەن ،ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ يانار تاغ ئوت كۈيۈش مەركىزى بىلەن بولغان ئارقىلىق ئارانلا 100 مىتىر كىلەتتى .

ئەنگىلىيەلىك تەۋەككۈلچىلەر جۇڭگۇدىكى 1026 مىتىر چوڭقۇرلۇقتى ئۆڭكۈرگە كىرگەن .
ئەنگىلىيلىك بۇ ئىكىسپىدىتسىيچىلەر 2008-يىلى 10-ئايدا جۇڭگۇغا كەلگەندە تاسادىپىي بۇ سىرلىق ئۆڭكۈرنى بايقاپ قالغان ،بۇ ئۆڭكۈرنىڭ چوڭقۇرلىقى 1026 مىتىر بولۇپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر ئۆڭكۈرنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن .

ئامىركىلىق بۇ ئادەم شارغا ئورۇندۇق باغلاپ ئۇچقان .
ئامىركىلىق بۇ ئادەم ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان ئورۇندىقىغا 55 دانە شارنى باغلاپ ئاسمانغا ئۇچۇپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا 4500 مىتىر ئىگىزلىككە چىققان ،ھەمدە 3 سائەتتىن كۆپرەك ئۇچقان .ئىگەللنىشىچە پۈتكۈل ئۇچۇش جەريانىدا ئۇرۇندۇق توختىماستىن لەپەڭشىگەن ،ئەڭ يۇقىرى ئىگىزلىككە چىققان ۋاقىتتا تىمپىراتۇرا نۈلدىن تۆۋەن 15 گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغان .

500 مىڭ ۋاتلىق توك ئىچىدە "تەپەككۇر قىلغۇچىنىڭ رولىنى ئالغان "ياش
بۇ ياش 500 مىڭ ۋاتلىق توكنى ئاتراپىغا گۈل شەكىللىك ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ئاندىن بەدىنىگە توك ئۆتمەس كىيىمنى كيىپ ئىچدە ئولتۇرۇپ مەشھۇر ھەيكەل "تەپەككۇر قىلغۇچى"نى قايتا بىر قېتىم ئەمىلىيەتتە كۆرسەتكەن .ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇ ساق سالەمەت ھالدا ئۇ يەردىن چىقىۋالغان .

ئامىركىلىق بۇ ياش 30 مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغا ئۈستىدە نىلون سىم ئۈستىدە ماڭغان
2011-يىلى 6-ئايدا ئامىركىلىق بۇ ياش 30 مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغا ئۈستىدە نىلون سىم ئۈستىدە ھېچقانداق بىخەتەرلىك ئەسۋابى يوق ئەھۋال ئاستىدا ماڭغان.بۇنداق سىم ئۈستىدە مېڭىش ئادەمدىن يۇقىرى بولغان تەڭپۇڭلۇق كۈچى تەلەپ قىلىدۇ .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/12 11:50:16 ئۇقۇلۇشى: 174 قېتىم] |
|