چىڭداۋنىڭ دېڭىز رايونىنى كۆمۈر كۈلىگە ئوخشايدىغان قارا نەرسە قاپلاپ كەتتى |
يېقىنقى كۈنلەردە، چىڭداۋ 3-دېڭىز سۈيى مۇنچىسى ساھىلىدا زور كۆلەمدە قاپقارا نەرسە كۆرۈلدى، ئەتىراپتىكى ئاھالىلەر ئەنسىرەپ نەرسىنى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بوخەيدە يۈز بەرگەن ماي ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشتى، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر سۇ ئۇزۇشتىن ۋاز كەچتى. چىڭداۋ دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى، چىڭداۋ شەھەرلىك دېڭىز-ئوكيان ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرى ئىدارىسى نەقمەيدانغا بېرىپ ئەۋرىشكە ئېلىپ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈدى، بۇ قارا رەڭلىك ماددا قولغا يېپىشمايدۇ، باشقىچە پۇرىقى يوق، يۈزىدىمۇ مايغا ئوخشايدىغان قەۋەت ھاسىل بولمىغان، مۇشۇ تەرەپلەردىن قارىغاندا بۇ مايدىن بۇلغىنىش ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلدى. بەزى بىر دائىم مۇشۇ ئەتىراپتا سۇ ئۈزدىغان بىر قىسىم كىشىلەر مۇنداق ئەھۋالنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيىل ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ قېتىمقىسى 1-قېتىم قارا رەڭلىك بولۇپ قېلىشى ئەمەسلىكىنى مەلۇم قىلدى. چىڭداۋ دېڭىز-ئوكيان ئېكېلوگىيە تەكشۈرۈش مۇتەخەسىسلىرى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۈسكىنىلىرى بىلەن تەكشۈرۈپ بۇ قارا رەڭلىك ماددىنىڭ نۇرۇن يىللاردىن بۇيان دېڭىز ئاستىغا يىغىلىپ قالغان كۆمۈر كۈلى ئىكەنلىگىنى ئېنىقلاپ چىقتى. يېقىندا دېڭىز ساھىلىنىڭ ھاۋا كېلىماتىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قارا رەڭلىك ماددىلار سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققانكەن، ئۇلار يەنە بۇ قارا رەڭلىك ماددىنىڭ ھېچقانداق زىيانلىق ئەمەسلىكىنى، كىشلەرنىڭ خاتىرجەم بولىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.

[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-8 16:13:27 ئۇقۇلۇشى: 538 قېتىم] |
|