29-ئاۋغۇست، 2011-يىللىق ئاپتۇنۇم رايونلۇق بىليارد دەرىجىگە ئايرىش مۇسابىقىسى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياقلاشتى، مابىڭ چېمپىيۇن، جۈرئەت بىلەن پەرۇق ئايرىم-ئايرىم ئىككىنچى ۋە ئۈچىنىچىلىككە ئېرىشتى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك شىددەتلىك بىر مەيدان جەڭ بولدى، 9 مەيداندا 5 ئۇتۇق تۈزۈمىدىكى مۇسابىقە گويا مارافۇن مۇسابىقىسگە ئوخشاپ قالدى، سولخاي جۈرئەت مەيدانغا چۈشۈپلا ئۆزىنىڭ ياخشى ھالىتىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۇدا ئۈچ مەيدان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، مابىڭ ئاران تەسلىكتە تەڭلىشىۋېلىپ نەتىجە 4:4 بولۇپ تەڭلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى، ئاخىرىدا مابىڭ داۋاملىق جۈرئەتكە پۇرسەت بەرمەي مۇسابىقىنىڭ چېمپىيۇنى بولۇپ 5 مىڭ يۈەن نەق پۇل شۇنداقلا قۇشۇمچە بۇيۇملارغا ئېرىشتى.
ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش جېڭىدە ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزغا ۋەكىل بولۇپ 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان ماھىر پەرۇق ۋوفەننى ئاسانلا يېڭىپ مۇسابىقىنىڭ ئۈچىنچىلىكىگە ئېرىشتى