كازافىينىڭ قوغدىغۇچى ئايال مەرگەنلىرى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى |

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 28-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، قوڭۇر رەڭلىك كۆزى ۋە ئەتىرگۈلدەك قىزىل لەۋلىرى، بېشىغا سېرىق رەڭلىك ياغلىق ئارتقان نىسلىن مەنسور.ئوفىنىكا بۇ يىل ئاران 19 ياش، ئەمما ئۇ لىۋىيىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كازافىينىڭ قوغدىغۇچى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى ھەم كازافىينىڭ مەخسۇس مەرگەنلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى. ئالدىنقى ھەپتە، ئۇ 11 نەپەر ئۆكتىچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، لېكىن ھازىر جەڭ مەيدانىدىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىش بىلەن بىرگە سوتلىنىشنى كۈتۈپ ياتىدۇ.

ئۆزىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش تارىخىنى سۆزلىگەندە، نىسلىن: مەن 1-ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ بولغاندا ئۇلار 2-ئەسرنى ئېلىپ كەلدى. ئەسىرلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ جەسىتىگە قاراپ قورقۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈردۈم دېدى. تىرىپولىدىكى قىزلار ھەربىي مەكتىپىدە، نەچچە مىڭلىغان ئايال ھەربىيلەر كازافىي ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلەيدۇ. نىلسىن دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. ئۆزىنىڭ ھاياتى ئۈستىدە توختالغاندا، مەيلى ئاق خالاتلىق دوختۇرلار بولسۇن ياكى ئېغىر قوراللارنى ئاسقان ئۆكتىچىلەر بولسۇن نىلسىننىڭ قولى مەجبۇرى ھالدا باشقىلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان دەيدۇ. نىلسىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەمەلىيەتتە كازافىينىڭ قوللىغۇچىلىرى ئەمەس، ئەمما ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىپ، ئانىسى راك كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، نىلسىن ئامالسىز تىرىپولىدىكى قىزلار ھەربىي مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. نىلسىن ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: جەمئىي 1000 نەپەر لىۋىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قىزلار مۇشۇ مەكتەپكە كىردى، مەنمۇ ئالىي مەكتەپتىكى بىر دوستۇم بىلەن بىرگە كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىزدەۋاتقىنى دەل بىزگە ئوخشاش قىزلار.

قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە، نىلسىن يەنە بىر قانچە قىزلار بىلەن بىرگە ئالاھىدە مەرگەن قىلىپ يېتىشتۈرۈلگەن. ئۇلار ھەر خىل قوراللارنى ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەندىن باشقا يەنە، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىدىيە ئاقارتىش خاراكتېردىكى تەربىيىنى قوبۇل قىلغان. «ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر مېنىڭ ئانام ئادەتتە ئاچچىقىدا كازافىيغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ قالسىمۇ، مەن دەرھال ئانامنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىم كېرەككەن.» ئەگەر ئۆزۈم بەزىدە بولمايدىغان گەپلەرنى قىلىپ قالسام ئۇلار مېنى ئۇردى، مېنى سولاپ قويدى. ئۇلار يەنە ئەگەر ئۆكتىچىلەر بۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىپ كەلسە، ئۇلار بىزگە باسقۇنچىلىق قىلىدىكەن. نىلسىننىڭ ئاشكارىلىشىچە، قىزلار ھەربىي مەكتىپىدە، قىزلار دائىم ئوخشاش بولمىغان يېتەكچى كومىسسارلار تەرىپىدىن باسقۇنچىلىق قىلىنىدىكەن، بۇنداق قىلىش بىر خىل قائىدىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. زىيارەتتە نىلسىن ئۆزىنىڭمۇ نۇرغۇن قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن زورلۇق قىلىنىپ، خورلاشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى. نىلسىننىڭ ئاكىسى ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولغاندا، كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ھەر خىل ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەھدىتلەرگە ئۇچرىغان.

كازافىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا، ئايال ئەسكەرلەرگە بولغان زوراۋانلىق ۋە خورلاش قىلمىشى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. لىۋىيىدە مۇنداق بىر جۈملە گەپ بىر مەزگىل خەلق ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن:« بوينۇمنى ئۈزۈۋەتسىمۇ، مېنى ئاياللارغا ئاتقۇزما.»، كېيىن نىلسىنمۇ دائىم ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كاللا كېسەر جاللاتقا ئايلانغان. نىلسىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى:« ئۇلار مېنى مەھبۇسلار سولانغان بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قويدى، ئۇلار دەرەخكە باغلاقلىق بولۇپ، مەن ئۇلارنى بىردىن بىردىن ئۆلتۈردۈم. مەن ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئېسىمدە تۇتۇپ بولالمىدىم، لېكىن ئۇلار مەن بىلەن تەڭتۇش دېگۈدەك كېلىپ قالاتتى.»، «ئەگەر مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمىسەم ئۇلار ياندۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرەتتى، شۇڭا مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە 11 ئادەمنى ئۆلتۈردۈم.»

«مېنىڭ مۇنداق قىلغۇم يوق ھەم ھېچكىمگە زىيانكەشلىك قىلغۇم يوق، مەن پەقەتلا ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرسەم دەپ ئويلايمەن.»... ئاخىرى نىلسىن 2-قەۋەتتىن سەكرەپ چۈشۈپ قېچىپ چىققان، كېيىن ئۆكتىچىلەر ئىگىلىگەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىش بىلەن بىرگە كەلگۈسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سوراقنى كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇ قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلغاچقا گەپ-سۆزلىرى ئانچە ئوچۇق ئەمەس، قورقۇپ كەتكەن بولغاچقا ئۆزىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى تېخى تۇللۇق چۈشەندۈرۈپ بولالمىدى، دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ سالامەتلىكى چوقۇم ئەسلىگە كېلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆڭلىدە قالغان جاراھەتلەر، ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئەسلىگە كېلەرمۇ؟...
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-2 11:06:11 ئۇقۇلۇشى: 816 قېتىم] |
|