نۇرغۇن كىشىلەر خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ باتارىيەسىنى قۇياش نۇرى ئارقىلىق زەرەتلەشنى بىر ئىنتايىن قىيىن ئىش دەپ قارايدۇ،لىكىن كورىيە ئىلىكتىر ساھەسىدىكى باشلامچى سامسۇڭ شىركىتى يىقىندا بۇ قىيىن ئىشنى بىزگە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەردى. سامسۇڭ شىركىتى يىقىندا ئىشلەپچىقارغان 10.1 دىيۇملۇق خاتىرە كومپىيوتىر قۇياش نۇرى ئارقىلىق زەرەتلىنىدىغان بولۇپ كىشىلەرنىڭ «كۈندە بىر قىتىملا توك قاچىلاش» ئارزۇسىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى يەنە بىر قەدەم يىقىنلىدى.
مۇھىم بىر ھۆججەتنى تەييارلاۋاتقاندا خاتىرە كومپىيوتىرىمىزنىڭ توكى تۈگەپ ھۆججەتنى ساقلىيالماسلىق ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن ئازاپلىق بىر ئىش،سىز گە بىر خوشخەۋەر ئىيتاي،سامسۇڭ شىركىتى بۇ ئازاپلىق ئىشنى يوقىتىپ سامسۇڭ NC215 تىپىدىكى قۇياش ئىنىرگىيە خاتىرە كومپىيوتىرىنى بازارغا چىقاردى.
سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا بۇ كىچىڭ تىپتىكى خاتىرە كومىيوتىرغا 10.1 دىيۇملۇق ئىكران سەپلەنگەن بولۇپ قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ سىرتقى قىسمىغا چاپلانغان بولۇپ قۇياش ئىنىرگىيەسىنى ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرالايدىكەن،ئىككى سائەت قۇياش نۇرىدا زەرەت تولۇقلىغاندىن كىيىن بىر سائەت ئىشلەتكىلى بولىدىكەن،تولۇق بىر قىتىم زەرەتلەنگەندىن كىيىن 14 سائەت ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولۇپ 1000 قىتىملىق زەرەت دەۋرىگە يىتىدىكەن.
سامسۇڭ يەنە مۇنۇلاردى بىلدۈردى:گەرچە سامسۇڭ NC215 نىڭ سىرتقى لاھىيەسى بىر ئار مۇرەككەپ بولسىمۇ لىكىن ئىلىپ يۈرۈشكە يەنىلا ئەپلىك،ئومومىي ئىغىرلىقى 1.32 كىلوگىرام بولۇپ 17.5 مىللىمىتىرلىق نىپىز ئىكران ئىشلىتىلگەن،خاتىرە كومپىيوتىر گەۋدىسىگە سامسۇڭنىڭ Duracase تىخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ سىزىلىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بىز گەرچە سامسۇڭ NC215 نىڭ تەپسىلىي سەپلىنىش ئەھۋالىنى بىلەلمىگەن بولساقمۇ لىكىن سامسۇڭ شىركىتى بۇ يىڭى مەھسۇلاتنىڭ 23-ئاۋغۇست كورىيەدە سىتىلىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى باھاسىنىڭ 599 مىڭ كورىيە پۇلى (تەخمىنەن 553 ئامىرىكا دوللىرى) بولىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى.