تەۋسىيە
خەۋەرلەر |
|
توپنى ياخشى ئوينىغا.. | NBA ئىككى تەرەپ سۆھبى.. | پائۇل باشقىلارنىڭ ك.. | ۋاسكىتبول چولپىنى ج.. | كوبى ئىتالىيە توپ م.. | جۇڭگو ئامېرىكا مائا.. | كىنۇ ئارتىسى ئەنجىل.. | شاكىرا يۈزسىزلىك قى.. | |
|
|
پاختا باھاسىدا ئۆزگىرىش چوڭ، مۇقىم بازار كونترول قىلىنىشقا موھتاج |
مەنبە: www.socotton.com
2011-08-23 06:03
بۇ خىل دولقۇنسىمان پاختا باھاسى ئۆتكەن يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئۆرلەشكە باشلاپ، تارىختىكى تۈنجى رىكوتنى ياراتقان بۇلۇپ، شۇنىڭدىن كىيىن تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ، يەنە ئۆرلەپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە داۋاملىق تۆۋەنلەپ ئەزەلدىن تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگۈرۈشلەرنى باشتىن كەچۈردى. جۇڭگۇ پاختىچىلىق جەمئىيتىنىڭ سىتاسكىتىسىدىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، جۇڭگۇنىڭ پاختا باھا كۆرسەتكۈچى 2010- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى ھەر توننىسى 18002 يۈەندىن 2010- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنىگە كەلگەندە بىراقلا ھەر توننىسى 31302 يۈەنگە ئۆرلەپ، 12- ئاينىڭ 1- كۈنى ئەڭ تۆۋەن نوختا 26164 يۈەنگە چۈشكەن، بۇ يىل باھار بايرىمىدىن كىيىن يەنە باھا ئۆرلەش كۆرۈلۈپ 3- ئاينىڭ 10- كۈنى 31228 يۈەنگە ئۆرلىگەن، كىيىن يەنە تۆۋەنلىگەن، نۆۋەتتە ھەر توننىسى 19800 يۈەنلىك باھا بىلەن كۈزلۈك پاختا يىغىۋېلىش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىنماقتا. بىر شىنجاڭلىق پاختىچى دېھقاننىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى شىنجاڭنىڭ چىگىتلىك پاختىسىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 11 يۈەندىن 12يۈەن ئارىلىقىدا بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە تۇرپان پاختا زاۋۇتى چىگىتلىك پاختىنىڭ ھەر كىلوگرامىنى 7.2 يۈەندىن 7.6 يۈەنگىچە سېتىۋېلىش توغرىسىدا تاختاي ئاسقان. بۇ خىل تۇراقسىز ھالەت پاختا ئىشلەپچىقىرىشىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە پاختىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن، نورمال سودا ۋە باھاغا تەسىر يىتىپ، كارخانا تىجارىتى ۋە ئېكسپورتقا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان. تەھلىل قىلىنىشىچە، 2010- يىلى توقۇمىچىلىق كەسپى ئەۋج ئېلىپ، سانائەت ئومۇمى گەۋدىسىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى بولۇپ، پاختىغا بولغان ئېھتىياج ئېشىپ، پاختا باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمما 2011- يىلغا كەلگەندە ماكرولۇق تەڭشەش رىتىمى تىزلىشىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ تەننەرخى ئۆسۈپ، مەبلەغ ئىشلىتىش تەننەرخ ئېشىپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىگە بولغان بېسىم ئۆرلەپ، خەلقئارا ئېكسپورت ئاجىزلىشىشتەك سەۋەبلەردىن توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ يۈرۈشلىشىشىگە بىر قاتار قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ھەمدە پاختىنىڭ بازار باھاسى تۆۋەنلىگەن. پاختا باھاسىدىكى چوڭ ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ دېھقانلار «خۇشاللىق» ۋە «خاپىلىق» جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈردى. بۇ يىل پاختا باھاسىنىڭ يۈزلىنىش ۋەزىيىتى زادى قانداق بولىدۇ؟ مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پاختىچىلىق جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، پاختىنى 8- ئايدا ۋاقتىنچە ھەر توننىسىنى 19800 يۈەندىن يىغىۋېلىپ، پاختا باھاسىنى ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قارتا نۆۋەتتىكى باھانى 19000 يۈەندە توختىتىش پىلانلىنىۋېتىپتۇ. جۇڭگو پاختىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ 6- ئايدىكى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا 2011- يىلى مەملىكەت بويىچە تېرىلغان ئومۇمى پاختا كۆلىمى 81 مىليون 220 مىڭ مو بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى مىقدارى تەخمىنەن 7 مىليون توننىدىن ئېشىشى مۇمكىن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى 6 مىليون 650 مىڭ توننىدىن ئاشىدىكەن. ئامېرىكا دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ 8- ئايدىكى مۆلچەرىچە 2011- يىللىق پۈتۈن يەر شارى پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى مىقدارى 26 مىليون 720 مىڭ توننىغا يىتىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئاشىدىكەن. ئەمما خەلقئارا پاختا ھەيئىتىنىڭ 8- ئايدىكى مۆلچەرىچە پۈتۈن يەر شارى پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى مىقدارى 26 مىليون 860 مىڭ توننىغا يېتىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشىدىكەن. پاختا باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى پاختىچىلىق سانائىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز بولۇپ، پاختا باھاسىنى مۇقىم يۆلىنىشكە قانداق باشلاش، بازارنىڭ مۇقىملىقىنى قانداق ساقلاش نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇقىم پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. پاختا باھاسى تۇراقسىز بولسا خەۋپمۇ چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن پۈتۈن بازارنىڭ تەڭشەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە ئىستېمال بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى كېڭەيتىش كېرەك. قالاق پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى ئەلا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش پەن- تېخنىكىسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، سۈپەتلىك توقۇمىچىلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرىكەتچان تەرەققىيات شەكلى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش قاتلىمى ۋە پەن تېخنىكىدىن كېلىدىغان پايدا بوشلۇقىنى ئاشۇرۇش، خەلقئارا رىقابەتنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى توختىماستىن ئۆرلەۋاتقان ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-24 11:32:35 ئۇقۇلۇشى: 559 قېتىم] |
|
|
|
|
يېڭى جوڭگو قۇرۇل.. | يېڭىلىق يارىتىش .. | قىززىقارلىق سۇلي.. | «دۇنيا مودىل قىز.. | شەنشى ئالاھىدە ب.. | سەنيادىن قوزغالغ.. | مۆجىزە يۈز بەردى.. | كىلىستىيانو. لون.. | پەخىرلىك ئوغلانم.. | ئاتا-ئانا ئاجرىش.. | خۇجىنتاۋ ئامېرىك.. | گىرۋائېسنىڭ رېيا.. |
|
|
|
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 -
17)
, ئالاقىلىشىش
تىلىفۇنى : 13139663453
, 新ICP备10001556号 |
|