ئىتالىيەدىكى ياشلار ئائىلىلىرىنىڭ ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ئېغىر ئىكەن |
مەنبە: finance.sina.com.cn
2011-08-23 05:00
ئىتالىيە «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» نىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى كىرزىس ۋەزىيىتىدە، ئىتالىيەدىكى ياشلار ئائىلىلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى ھەممىدىن ئېغىر بولغان، ئۇلار ئاي ئاخىرىدا كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرالمىغان، بەزىدە ھەتتا قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. ئىتالىيەدىكى 36 ياشتىن تۆۋەن ياشلار ئائىلىلىرىنىڭ كىرىم-چىقىم خامچوتىغا قارىتىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن ئېنىقلىنىشىچە، ياشلار ئائىلىلىرىنىڭ زاپاس پۇل يىغالماسلىقى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانغان. بۇ خىل ۋەزىيەت ئىتالىيەدىكى ئائىلىلىكلەرنىڭ مال-مۈلكىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھۇجۇم ئېلىپ كېلىدىكەن. 36 ياشتىن تۆۋەن ياشلار ئائىلىسى ئىچىدە، ئاران %28.6 ئائىلە پۇل يىغالىغان، ئوخشاش ئۇسۇلدا سېلىشتۇرغاندا، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ يېشى 45 ياشتىن 54 ياشقىچە بولغان ئائىلىلەرنىڭ پۇل يىغالايدىغانلىرى %38 نى ئىگىلىگەن. %58.4 ياشلار ئائىلىلىرى شۇ ئايلىق كىرىمىنى شۇ ئايدا خەجلەپ بولىدىغانلاردىن بولۇپ، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئائىلىلىرىدە بۇ نىسبەت %52.5 نى ئىگىلەيدىكەن. %5 ياشلار ئائىلىسى ئامالسىزلىقتىن قەرزگە بوغۇلىدىكەن، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئائىلىلىرىدە قەرز ئېلىش نىسبىتى %3.7 ئىكەن. ئولتۇراق مۇھىتىغا قارىتىلغان يەنە بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن ياشلار ئائىلىلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى بايقاشقا بولىدىكەن. %40 تىن ئارتۇق ياشلار ئائىلىلىرى ئىجارىگە ئالغان ئۆيلەردە ئولتۇرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە %83 ى خۇسۇسىيلاردىن ئىجارىگە ئېلىنغان ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆيى يوق ئائىلىلەرنىڭ %73.5 نى ئىگىلەيدىكەن. %15.9 ى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرىدىكەن؛ %1 ى ئىجارىگە بېرىش ئاپپاراتلىرىدىن ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆيى يوق ئائىلىلەرنىڭ %9.5 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت %42.6 ياشلار ئائىلىلىرىنىڭ ھېچقانداق ئۆي-زېمىنى يوق ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-24 11:31:26 ئۇقۇلۇشى: 243 قېتىم] |
|