شىنخۇا تورى داكار8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىكى تېلىگراممىسى نوۋاكشوت خەۋىرى :ماۋرىتانىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئايروپىلانى 21 - ئاۋغۇست تارىخي شەھەر دەپ ئاتالغان شىنگەيتكەنەچچە كېلومېتىر قالغاندا يەرگە چۈشۈپ پاچاقلىنىپ ، بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
ماۋرىتانىيە ئارمىيىسى چۈشەندۈرۈپ ، ئايروپىلان ماۋرىتانىيەنىڭ پايتەختى بولغان نوۋاكشوتنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى ئاتار ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىدىن كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ، ئاتارنىڭ ئەتراپىدىكى رايوندا يەر شەكلىنى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋېتىپ يەرگە چۈشۈپ پارچاقلانغانۋە بىر نەپەر ئۇچقۇچى خادىم قازا قىلغان دېدى . بىراق ئايروپىلاننىڭ تىپ نومۇرى دېگەندەك ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىمىدى .
بىراق يەنە بىر نەق مەيداننى كۆرگۈچىنىڭ دېيىشىچە ، ئايروپىلاننىڭ ماتورى ئايروپىلان
قوزغىلىشتىن بۇرۇنلا ئوت كەتكەنىكەن .
نەچچە ئاي ئىلگىرى ماۋرىتانىيە ئارمىيىسى ئاتاردا بىر ئۇچقۇچىلار تەربىيلەش مەكتىپى
ئاچقان بولۇپ ، فىرانسىيەنىڭ بىر قىسىم ھاۋا ئارمىيە ئېنژىنېرلىرى شۇ يەردە ماۋرىتانىيە
ھاۋا ئارمىيىسىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يېتىشتۈرۈشى ئېلىپ بارغانىكەن . ماۋرىتانىيە ئارمىيىسى بولسا ئاتار رايونىدا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ئەترىتى قۇرغانىكەن .