دۆلەت ئېگىلىكىدىكى چوڭ كارخانىلار كۆپ مىقداردا شىنجاڭغا كىرىپ مەبلەغ سالدى |
مەنبە: jingji.cntv.cn
2011-08-22 03:12
دۆلەت ئېگىلىكىدىكى چوڭ كارخانىلار كۆپ مېقتاردا شىنجاڭغا كىرىپ 12-بەش يىللىق مەزگىلىدىكى مەبلەغ سېلىش پىلانى نەچچە مېرلىياد يۈەنگە يەتتى سانائەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنڭ ئاستىدا،دۆلەت ئېگىلىكىدىكى چوڭ كارخانىلار كۆپلەپ شىنجاڭغا كىرىپ ،12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى مەبلەغ سېلىش سوممىسىدىن ھالقىپ كەتتى. 12-بەش يىللىق مەزگىلىدىكى 31 چوڭ دۆلەت ئېگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا سالغان ئوممۇمى مەبلىغى 9 تېرليۇن916 مېرلىياد يۈنگە يەتتى.گوۋيۇەن دۆلەت ئېقتىساد كوممۇتىتىنىڭ باشلىغى ۋاڭ ئەپەندى 20-ئاۋغۇست“ دۆلەت ئېگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىكە سەپەرۋەر قىلىش“ يىغىنىدا مەزكۇر كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا سالغان مەبلىغى 11-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىن بىر ھەسسە ئېشىپ كەتتى دەپ كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى يىغىن بولسا گوۋۇيۈەن ئېقتىساد كوممىتىتى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭ ئشلەپچىقىرىش قۇرلۇش بىڭتۇەنىدىن تەشكىل تاپقان ۋە 120 دىن ئارتۇق دۆلەت ئېگىلىكىدىكى كارخانىلار باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان چوڭ يىغىن. دۆلەت ئېگىلىكىدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بىرىش پىلانى ئاساسلىقى ئېقتىسادنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئاساسى ئۇل قۇرۇلمىنى يېڭلاشتىن ئېبارەت. نېفىت بايلىقىدىن باشقا ،كۆمۈر مەنبەسى بولسا دۆلەت ئېگىلىكىدىكى چوڭ كارخانىلارنى قىزىقتۇردىغان ئەڭ يېڭى بايلىق مەنبەسى.خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ھازىر شىنجاڭدىكى كۆمۇر سانائەت كارخانىلىرى 104 گە يەتكەن ،بۇنىڭغا سېلىنغان مەبلەغ 8تىرلىيۇن 773 مىرلىياد يۈەن بولغان. دۆلەت ئېگىزلىكىدىكى چوڭ كارخانىلار ئىچىدىكى بەش چوڭ ئېلېكتر گۇرۇھى ،دۆلەت ئېلېكتر تورى،شىنخۇا گۇرۇھى ،سەنشا گۇرۇھى قاتارلىق ئېنېرگىيە كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭنىڭ مول بولغان كۆمۈر بايلىقىنى قېزىپ ،شىنجاڭغا ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ چىقىدۇ،ئۇندىن كېيىن شىنجاڭ سىرتىدىكى رايونلارغا توك تارقىتىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-22 19:44:37 ئۇقۇلۇشى: 187 قېتىم] |
|