بېكھام ئەر - خوتۇن قىزىنى بېقىشقا ئۈچ ئايال ياللىۋالدى |
چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋېرىگە قارىغاندا ، ئەنگىلىيەلىك داڭلىق پۇتبولچى داۋىد بېكھام قىزى خارپېنى بېقىشقا ئۈچ ئايال خىزمەتكار ياللىۋالغان . بۇ خىزمەتكارلار بالىغا نۆۋەتلىشىپقارايدىكەن . بۇنىڭ ئۈچۈن بېكھام ئەر - خوتۇن يىلىغا 438 مىڭ فونىستىرلىڭ خەجلەيدىكەن .
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، بېكھام ئەر - خوتۇن قىزى ئۈچۈن ھۇجرا راسلاپ ، مەخسۇس بويۇملارنى تەييارلىغان ، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە يۈز فونىستىرلىڭ خەجلىگەن . خارپېرنىڭ ئۈچ ئاكىسى ئاتا - ئانىسىنىڭ سىڭلىسىغا تۇتقان ئالاھىدە مۇئامىلىسىدىن نارازى ئىكەن .
- شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-22 13:08:25 ئۇقۇلۇشى: 561 قېتىم] |
|