‹‹ئارمان››ستۇدېنت ئىسپورتچىلارنىڭ داستىخىنىدا |

ئىمىنجان داۋۇت، مۇنىرە مۇھەممەد خەۋىرى : شىنجاڭ ‹‹ئارمان›› گۇرۇھى ئىشلەپچىقارغان ‹‹ئارمان›› تورت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئېلىمىزنىڭ شېنجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 26 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئىستۇدېنتلار يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە نۇقتىلىق تەمىنلىنىدىغان مۇسۇلمانچە يېمەكلىككە تاللاندى. بۇ، ‹‹ئارمان›› تورت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ 2010 – يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە نۇقتىلىق تەمىنلىنىدىغان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك بولۇپ تاللانغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم دۇنياۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە داستىخانغا چىقىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇقۇشىمىزچە، ‹‹ئارمان›› شىركىتى ئىسلام ئەللىرىدىن كەلگەن 3000غا يېقىن تەنھەرىكەتچىنى بىخەتەر، قۇۋۋەتلىك، يېشىل ‹‹ئارمان›› يېمەكلىكلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-18 16:28:37 ئۇقۇلۇشى: 135 قېتىم] |
|