داڭلىق مودا ماركا چەنىلنىڭ قۇرغۇچىسى ئىلگىرى ناتسىستلار جاسوسى ئىكەن |
كوكو چەنىل
خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېتنلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا؛ بىر يېڭى ئاشكارىلانغان كىتابتا دېيىلىشىچە داڭلىق مودا ماركا چانېل CHANEL نىڭ قۇرغۇچىسى رېۋاتتىكى لايىھىلىگۈچى كوكو. چەنېل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گىرمانىيە فرانسىيەنى بېسىۋالغاندا ئۇ ناتسىستلار ئۈچۈن جاسوس بولغان . ئامېرىكا مۇخبىرى ھەل. ۋوئېن ئۇنىڭ «دۈشمەن بىلەن بىرگە ياشاش، كوكو.چەنىلنىڭ مەخپىي ئۇرۇشى» دېگەن يېڭى كىتابىدا ئىسپاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، كوكو. چەنىلنىڭ ئىككى خىل تۇرمۇشى بولغان. ئۇ ئىلگىرى دىنكىلاج ئىسىملىك بىر گىرمانىيەناتسىسىنىڭ ئاشنىسى بولغان. كېيىن دىنكىلاجنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۇمۇ گىرمانىيە ناتىسسىتلىرىنىڭ جاسۇسى بولغان. خاتىرىلەنگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ جاسوسلۇق نامى F-7124، شەرتلىك بەلگىسى ۋىستىمىست. ئۇ ئۆزىنىڭ كونا ئاشنىسى ۋىستىمىستنىڭ كىنەزلىك نامىنى شەرتلىك بەلگە قىلىپ قوللانغان. نيۇيوركتا چىقىدىغان «Knopf» دا دېيىلىشىچە، بۇ كىتابتا ھەرخىل ئىسپاتلار توپلىنىپ، چەنىلنىڭ قانداق قىلىپ بىرگىرمانىيە جاسوسى بولغانلىقى سۆزلەنگەن. قانداق قىلىپ نېمە ئۈچۈن كۆپ قېتىملىق جاسوسلۇق ۋەزىپىسىگە قاتناشقانلىقى، ئۇرۇشتىن كېيىن قانداق قىلىپ تۇتۇلۇشتىن ئامان قالغانلىقى سۆزلەنگەن». ئۇنىڭدىن باشقا كىتابتا تونۇشتۇرۇلۇپ، چەنىلنىڭ ئاشنىسى دىنكىلاجنىڭ گىرمانىيە ناتسىستلىرىنىڭ مۇھىم جاسوسى ئىكەنلىكىنى ئۇ ئوتتۇرا دېڭىز رايونى ۋە پارىژدا جاسوسلۇق تورى بارلىقى، ھەمدە ئاخباراتلىرىنى گىرمانىيە ئاخبارات مىنىسىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جوسوف.گوبىلىسقا بىۋاستە مەلۇم قىلىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. كىتابتا دېيىلىشىچە، چەنىل ناتسىسىت جاسوسى بولۇپ قالماستىن يەنە ئۇچچىغا چىققان يەھۇدىلارغا قارشى تۇرغۇچى ئىكەن. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ شۋېتسىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان،كېيىن فرانسىيەگە قايتىپ كېلىپ بىر مودا ئىمپىرىيەسى قۇرغان. چەنىل بىر ئۆمۈر «خاتالىقى» ئۈچۈن ئەيىبلەنمىگەن. ئۇ 1971- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-17 11:29:36 ئۇقۇلۇشى: 265 قېتىم] |
|