شىنخۇا تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى، گىرمانىيە بېرلىن ئاۋئاتىسىيە شىركىتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ بىر دانە A330 تىلپىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 15- ئاۋغۇسىت دۇسىلدوروفتىن ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئايروپىلانغان ئوت كەتكەندىن كېيىن مەجبىرىي ھالدا ئايرىدىرومغا قايتقان، ھەمدە جىددىي قونۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان.
باياناتچىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئايروپىلان ئەسلى پىلاندا 15- ئاۋغۇسىت سائەت 12 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە دۇسىلدوروفتىن ئۇچۇپ ئىسپانىيەنىڭ تېنىرىف ئارىلىغا بارماقچى ئىكەن، بىراق ئۇچۇپ نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ئايروپىلاننىڭ ئاشخانا دېرىزىسىدە ئوت كۆيۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئايروپىلان دەرھال ئەسلى ئايرىدرومغا قايتقان، ئۇچۇپ 13 مىنۇتتىن كېيىن بىخەتەر ھالدا قونغان.
ئايروپىلان قونغاندا، ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار ئاللىقاچان ئۆت ئۆچۈرۈشكە تەييارلىنىپ تۇرغان. بىراق، ئەينى چاغدا ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئايلانما شوتا ئارقىلىق بىخەتەر ھالدا نەق مەيداندىن ئايرىلغان. تەكشۈرگۈچى خادىملار ئوت كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بېرلىن ئاۋئاتىسىيەسىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ باققان. گىرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېرلىن ئاۋئاتىسىيەسىنىڭ بىر دانە A330 تىلپىق يولۇچىلار ئايروپىلانى، 4-ئاينىڭ 9-كۈنى مىيۇنخىندىن تايلانتنىڭ باڭكوكقا كېتىۋاتقاندا، ئايروپىلان ئىچىدىن كۈچلۈك ماي پۇرىقى پۇرىغان، بىر قىسىم يولۇچىلاردا بېشى ئاغرىش، ئىچى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ پۇراق ئايروپىلاننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ماتوردىن ئاققان ماي كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.