شىنجاڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە 4 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى |
مەنبە: www.tianshannet.com.cn
2011-08-16 08:04
5كۈنلۈك جىددىي ئېلىشىش ئارقىلىق شىنجاڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىللىرى 2011-يىللىق مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۆت ئالتۇن مېدال ۋە بىر كۆمۈش مېدال ئېلىشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. 15-ئاۋغۇست مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەزالار شىنجاڭغا قايتتى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ھازىرغا قەدەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مۇسابىقە قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن 66-ئوتتۇرا، 70-ئوتتۇرا، ۋە كورلا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋەكىللىرى قاتناشتى. 66-ئوتتۇرىدىكى شىرزات ئالىم ئايرىم-ئايرىم 400 مېتىر ۋە 800 مېتىر تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا، ئىسلامجان قىيۇم چويۇن توپ ئېتىشتا بىر ئالتۇن مېدالغا، يۈشۆ قىزلار 800 مېتىر تۈرىدە بىر ئالتۇن مېدالغا، ئابدۇراخىت ئوغۇللارنىڭ 5مىڭ مېتىر تۈرىدە كۆمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

66-ئوتتۇرا مەكتەپ رەھبەرلىرى شەرەپ قۇچقان ئەزىمەتلەرنى پويىز ئىستانسىسىدا كۈتىۋالدى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-17 11:27:41 ئۇقۇلۇشى: 246 قېتىم] |
|