«ئالۋاستى» چۈمۈلە
كۇلۇمبىيەنىڭ ئورمانلىرىدا ياشايدىغان ئوتخور چۈمىلىدىن نەسلى ئۆزگەرگەن «ئالۋاستى» چۈمۈلىنىڭ زەھىرى، كۆزئەينەكلىك يىلان زەھىرىدىنمۇ 100 ھەسسە كۈچلۈك بولۇپ، بۇ چۈمۈلە ئادەمنى چاقسا ئادەم، ھايۋاننى چاقسا ھايۋان ئۆلۈپ قالىدىكەن. بۇخىل چۈمۈلىنىڭ ئاياغ ئىزى تەگكەنلىكى جايلاردا ئورمانلار قۇرۇپ، كەنىتلەر خارابىلىققا ئايلىنىپ كېتىدىكەن. ھازىرغىچە بۇ خىل چۈمۈلە نەچچە مىڭ ئادەمنى چېقىپ ئۆلتۈرگەن. كۆزىتىشلەرگە قارىغاندا « ئالۋاستى» چۈمۈلە ئاران قىرىق نەچچە كۈن ياشىيالايدىكەن. بىراق بۇ چۈمۈلىنىڭ كۆپىيىشى ناھايىتى تېز بولغاچقا، بۇ زور قوشۇننىڭ ئەزالىرى نەچچە يۈز مىليونغا يەتكەن. بۇ زور قوشۇن كۇلۇمبىيەنىڭ پايتەختى بۇگاداغا يېقىن رايونلارغا يېتىپ كەلگەن. كۇلۇمبىيە، پاناما، كوستارىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پەن- تېخنىكا خادىملىرى بۇ خىل چۈمۈلىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ، ئالاھىدە ئۈنىمى بار بولغان زەھەرلىك سۇيۇقلۇق ياساپ چىقىشنى پىلانلىغان. بەزىلەر چىشى چۈمىلىنى تۇخۇم تۇغماس قىلىدىغان چارىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ قوشۇننى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا تامامەن يوقىتىش تەكلىپىنى بەرگەن.
ئۆردەك نىمە ئۈچۈن ئىغاڭلاپ ماڭىدۇ
كىچىك ۋاقتىمىزدا چوڭلارنىڭ ئۆردەكتەك ماڭماي تۈز ماڭە دەپ تەربىيە قىلغىنىنى كۆپ ئاڭلايتتۇق، ئۇنداقتا سىز ئويلاپ باققانمۇ، ئۆردەك نىمە ئۈچۈن ئىغاڭلاپ ماڭىدۇ؟ ئۆردەكنىڭ مەم ياپىلاق ھەم يوغان ئېغىزى بولىدۇ، ئۇنىڭ پۇتى قېيىقنىڭ پالىقىغا ئوخشايدۇ، شۇڭا سۇدا ئۈزۈشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ناھايىتى تېز ئۈزىدۇ. لېكىن ئۆردەكنىڭ پۇتى قىسقا، بەدىنىگە يېقىن بولغاچقا، بەدىنىنى كەينىگە قىلىپ مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندىلا ئاندىن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالايدۇ. بۇ خىل قىياپەتنى ساقلاش ئۈچۈن چوقۇم ئىغاڭلاپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.
مۇلازىمەتچى مايمۇنلار
ھىندىستاننىڭ بەزى ساياھەت رايونلىرىدا ساياھەتچىلەر نىشاندىن ئادىشىپ قېلىپ، قانداق قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغاندا، كۆندۈرۈلگەن، ئۈستىگە ئاسما مايكا كىيگەن مايمۇنلار پەيدا بولىدىكەن-دە ، قىزغىنلىق بىلەن ساياھەتچىلەرنى يىتىلەپ نىشانىغا ئاپىرىپ قويىدىكەن. بۇ مايمۇنلار تېخى ساياھەتچىلەرنى قورسىقىنى كۆرسەتسە ئاشخانىغا، قولىنى بېشىنىڭ كەينىگە قويۇپ ئۇخلىغاندەك ھەركەت قىلسا مېھمانخانىغا باشلاپ بېرىپ، قايتىش ۋاقتىدا قولىنى ئۇزۇتۇپ ھەق ئالغاندىن كېيىن، قولىنى پۇلاڭشىتىپ كېتىپ قالىدىكەن.
مەنبە: رادىئو « جاھان ئەينىكى» پىروگراممىسى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-16 10:37:52 ئۇقۇلۇشى: 446 قېتىم] |
|