شىنخۇا ئاگېنتلىقى موسكىۋانىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى تېلىگىراممىسى، كومپېيوتېرنى قوزغىتىش ، ھۆججەتنى ئېچىش ،تېكىست تەھرىرلەش ، پىروگىرامما قوزغىتىش ... بۇلارنىڭ ھەممىسى كومپىيوتېر ئشلەتكۈچىلەرنىڭ مائۇس ۋە كونۈبكا تاختىسى ئارقىلىق ھەر كۈنى تەكرار قىلىدىغان مەشخۇلاتى . روسىيە IT ساھەسىدىكىلەر ئالدىن مۆلچەرلەپ ، يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە كىشىلەر نىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپلا كومپېيوتېرنى كونتېرول قىلىپ مائۇس ۋە كونۇبكا تاختىسىدىن ئايرىلىش شۇنداقلا << كوميېيوتېر كېسىلى >> ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرنى كۆپ ئازايتقىلى بولۇشتىن ئۇمىد بار .
روسىيە ئانالىز قىلىش ئورگىنى << كۈندىلىك تېلىگىراف >> نىڭ مەسئۇلى جېنىس.كوسكوف نىڭ قارىشىچە كەلگۈسىدىكى شەخسى كومپىيوتېرلار ئەقلى ئقتىدارى تېخمۇ يۇقىرى بولغان يۇمشاق دېتاللارنى ئشلىتىدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋاز ئارقىلىق كونتىرول قىلىش بولسا ھازىرقى كومپىيوتېر تېخنىكىسى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يۆنىلىشنىڭ بىرى . ئۇنىڭدىن سىرت شەخسى ئۈستەل كومپېيوتېرغا سېلىشتۇرغاندا خاتېرە كومپېيوتېر ۋە توپلاشتۇرلىشى يەنىمۇ يۇقىرى بولغان تور كومپېيوتېرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىكەن .
ھازىر ، ئاۋازغا تايىنىپ كومپيۇتېرنى بەزى مەشغۇلاتلارنى قىلدۇرۇش يېڭىلىق ئەمەس . پەقەت بىر مىكروفون ، ئىشلىتىش سۈرئىتى يېتەرلىك تېز بولغان بىرتەرەپ قىلغۇچ ۋە ماس ھالدىكى يۇمشاق دېتال سەپلەنسىلا ئاۋازغا تايىنىپ كومپيۇتېرنى ئېچىپ-ئېتىش ، ھۆججەتنى قوزغىتىش ۋە تەھرىرلەش ھەمدە ئاۋازلىق پاراڭلىشىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىشقا بولىدۇ . رۇسىيە << ئاممىۋى ئالاقە >> شىركىتىنىڭ باش لېدىرى شىگىلوفنىڭ ئېيتىشىچە ، ئادەم ئاۋازىنى تونۇش يۇمشاق دېتالى ۋە ھازىرقى << بۇلۇت مۇلازىمىتى >> تېخنىكىسىنىڭ ئاساسىدا ئاۋاز ئارقىلىق تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان كومپيۇتېر پروگراممىسى مەشغۇلاتىنى قىلىش ئانچە تەس ئەمەس ئىكەن ، شىگىلوف ئاۋاز ئارقىلىق ئاسانلا كونترول قىلغىلى بولىدىغان يېڭى تىپتىكى شەخسى كومپيۇتېر 3 يىلدىن 5 يىلغىچە دۇنياغا كېلىدۇ دەپ قارايدىكەن . شۇ ۋاقىتتا ئابونتلار تاۋۇش ئارقىلىق كىرگۈزۈش ياكى مائۇس ، كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كىرگۈزۈشنىڭ بىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدىكەن .