شىنجاڭدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىلتىماس قىلىنغان پاتېنت سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى |
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويىچە ئىلتىماس قىلىنغان پاتېنىت 2057 پارچە بولۇپ،بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 17.9 پىرسەنت ئاشقان.بۇنىڭ ئىچىدە،كەشپىيات پاتېنتى،ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يېڭىچە پاتېنىت،سىرىتقى لاھىيە پاتېنىت ئىلتىماسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 26.5 پىرسەنت،59.2 پىرسەنت ۋە 14.3 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن بولۇپ،ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 34.5 پىرسەنت،5.8 پىرسەنت ۋە 56.7 پىرسەنت ئاشقان.
ئىلتىماس قىلىنغان پاتېنىتلار ئىچىدە كەسپى كەشپىيات 1155 پارچە،غەيرى كەسپى كەشپىيات 902 پارچە بولۇپ،بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 34.9 پىرسەنت ۋە 1.6 پىرسەنت ئاشقان.كەسپى كەشپىيات ئىچىدە مەخسۇس كۈرس مەكتەپلىرى ئىلتىماس قىلغان پاتېنىت 107 پارچە بولۇپ،9.3 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن.پەن-تەتقىقات يۇرتلىرى ئىلتىماس قىلغان پاتېنىت 108 پارچە بولۇپ،9.3 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن.زاۋۇت،كان-كارخانىلار ئىلتىماس قىلغان پاتېنىت 905 پارچە بولۇپ،78.4 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن.ئورگان-تەشكىلاتلار ئىلتىماس قىلغان پاتېنىت 35 پارچە بولۇپ،3 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن.ئېشىش نىسپىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12.6 پىرسەنت،18.6 پىرسەنت،55.3 پىرسەنت ۋە 20 پىرسەنت بولغان.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،2011-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا رايونىمىزدا سۇنۇلغان پاتېنت ئىلتىماسلىرىنىڭ ئېشىشى نورمال بولغان بولۇپ،كەشپىيات پاتېنتى ۋە سىرتقى لايىھە پاتېنتلىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن.كارخانىلارنىڭ كەسپى پاتېنت ئىلتىماسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-16 10:26:40 ئۇقۇلۇشى: 131 قېتىم] |
|