شىنخۇا تورى 8- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دېھقانچىلىق قۇشۇمچە مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 8- ئاينىڭ 13- كۈنى تۇخۇم، گۆش، يېمەكلىك ماي قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئۆسكەن، ئاشلىقنىڭ باھاسىمۇ ئۆسكەن، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆزگىرىپ تۇرغان، سۈتنىڭ باھاسى ئاساسەن مۇقىم بولغان.ئۆلچەپ تەكشۈرگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى 7- ئايدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇخۇمنىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن بولۇپ، 7- ئاي ئاخىرىدىن 8- ئاينىڭ بېشىغىچە ئۆزگىرىپ تۇرغان، 8- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن باشلاپ تۇخۇمنىڭ باھاسى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. 7- ئاينىڭ 1- كۈنى بىلەن 8- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى باھانى سېلىشتۇرغاندا %7.3 ئۆسكەن. خاسىڭ يېغى، قىچا يېغى، پۇرچاق يېغى، گازىر يېغى قاتارلىق يېمەكلىك ياغلارنىڭ باھاسىمۇ ئۆسكەن. بەزى كۆكتاتلارنىڭ باھاسىمۇ %0.3-%1.3 ئەتراپىدا ئۆسكەن.